ئىزاھلار

ئىزاھلار  (قۇرئان كەرىم ئۇيغۇر تەرجىمىسىنىڭ ئاخىرىدىكى)

 

ئاد:

ئاد ھۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى بولۇپ، ئۇلار ئوممان بىلەن ھەزرىمەۋت ئارىسىدا ياشايتتى، ئۇلار تارىختا ئەڭ قەدىمىي مەدەنىيەت بەرپا قىلغان خەلق ئىدى. ئۇلار ئېگىز بىنالارنى، كاتتا سارايلارنى سالغان ئىدى. قۇرئان كەرىمدە ئاد بىر قانچە جايدا تىلغا ئېلىنىدۇ، ئاد قەۋمى زېمىندا ھەقتىن باش تارتىپ، بىزدىن كۈچلۈك كىم بار، دەپ ھاكاۋۇرلۇق قىلدى، ئاللاھ تائالا ئاد قەۋمىنى، ئۇلارنىڭ كۇفرى ۋە زۇلۇمى تۈپەيلىدىن  ھالاك قىلدى. ھۇد ئەلەيھىسسالام ئىمان ئېيتقان كىشىلەر بىلەن بىللە قەۋمىگە ئازاب چۈشۈشتىن ئىلگىرى ھىجازغا ھىجرەت قىلغان، ئاد بەش تۈركۈمگە بۆلۈنىدۇ:

1 .1 دەسلەپكى ئاد بولۇپ، ئۇلار ئەھقاپتا ياشايتتى. ئۇلار مۇنقەرز بولغان؛

2 .2 ئىككىنچى ئاد يەمەندىن ئىراققىچە ھۆكۈمرانلىق قىلغان؛

3 .3 سەمۇد بولۇپ، ئۇلار ھىجازدىن سىناغىچە ھۆكۈمرانلىق قىلغان؛

4 .4 جۇرھۇملۇقلار بولۇپ، ئۇلار ھىجازدا ياشىغان؛

5 .5 تەسىم ۋە جەدىس بولۇپ، ئۇلار يەمامەدە ھۆكۈمرانلىق قىلغان.

 

ئادەم:

ئادەم ئەلەيھىسسالام پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ بوۋىسى بولۇپ، تۇنجى يارىتىلغان  ئىنساندۇر. ئاللاھ ئۇنى تۇپراقتىن يارىتىپ جان كىرگۈزگەن، ئۇنىڭغا شەيئىلەرنىڭ ناملىرىنى بىلدۈرگەن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئەۋلادىنى ئاللاھنى بىر دەپ تونۇشقا ۋە ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن، ئۇنى زېمىندا تۇرغۇزۇشنى ئىرادە قىلغان. ئادەم ئەلەيھىسسالامنى ھۆرمەتلەش يۈزىسىدىن، ئاللاھ پەرىشتىلەرنى ئۇنىڭغا سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغان، پەرىشتىلەرنىڭ ھەممىسى سەجدە قىلغان، پەقەت ئىبلىسلا سەجدە قىلىشتىن باش تارتقان. ئاللاھ ئىبلىسنى رەھمىتى دائىرىسىدىن قوغلىغان ۋە جەننەتتىن يىراق قىلغان. ئاللاھ ئادەم ئەلەيھىسسالامنى ۋە ئۇنىڭ ئايالى ھەۋۋانى جەننەتتە تۇرغۇزغان، ئۇلارغا جەننەتتىكى بارچە نازۇ-نېمەتلەردىن خالىغانچە بەھرىمەن بولۇشنى ئۇقتۇرغان، ئۇلارنى مەلۇم دەرەخقە يېقىنلىشىشتىن ۋە ئۇنىڭ مېۋىسىدىن يېيىشتىن مەنئى قىلغان. لېكىن ئىبلىس ئۆزىنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن قوغلانغانلىقىغا ئادەم ئەلەيھىسسالامنى سەۋەبچى دەپ قاراپ، ئادەم ئەلەيھىسسالامنى يامان كۆرۈپ، ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن ئۆچ ئالماقچى بولغان. ئىبلىس مەزكۇر دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن يېگەن كىشىنىڭ ھەرگىز ئۆلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن ھەۋۋانىڭ ئۇنىڭدىن يېيىشىگە ۋەسۋەسە قىلغان. ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ھەۋۋا ئۇنىڭدىن يەپ، پەرۋەردىگارىغا گۇناھكار بولغان. ئاللاھ ئۇلارغا غەزەپلىنىپ، ئۇلارنى ئۇلارغا بەرگەن نېمىتىدىن مەھرۇم قىلغان، ئۇلارنى ئۇلارنىڭ دۈشمىنى بولغان ئىبلىس بىلەن قوشۇپ ئۇلار تۇرۇۋاتقان جەننەتتىن يەر يۈزىگە چۈشۈرۈۋەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ تائالا ئادەم بىلەن ھەۋۋانىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلغان، ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادىنى ئىبلىسنىڭ ۋە ئىبلىس گۇرۇھىنىڭ ئازدۇرۇشىدىن ئاگاھلاندۇرغان، ئادەم بىلەن ھەۋۋاغا ئۇلار دەسلەپ كىرگەن جەننەتتىن بەھرىمەن بولۇشنىڭ تۈگىگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادىنىڭ ياخشىلىق يولىمۇ، يامانلىق يولىمۇ بولغان بۇ دۇنيادىن ئىبارەت بىر تىرىكچىلىك باسقۇچىغا قەدەم قويغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. بەزى رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، ئادەم ئەلەيھىسسالام 1000 ياشقا كىرگەن. مەشھۇر رىۋايەتتە ئېيتىلىشىچە، ئادەم ئەلەيھىسسالام جەننەتتىن چىقىرىلغاندا ھىندىستاندىكى بىر تاغقا چۈشكەن بولۇپ، ئۇ ۋاپات بولغاندا شۇ تاغنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنغان، يەنە بىر رىۋايەتتە ئېيتىلىشىچە، مەككە مۇكەررەمەدىكى ئەبى قۇبەيس تېغىغا دەپنە قىلىنغان.

ئازەر:

ئازەر ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاتىسى بولۇپ، ئۇ قەۋمى ئۈچۈن بۇتلارنى ياسىغان ۋە قەۋمىنى شۇ بۇتلارغا چوقۇنۇشقا تەرغىب قىلغان. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئاتىسىدىن بۇتلارنى تەرك ئېتىشنى تەلەپ قىلغان، بۇتلارغا چوقۇنۇشنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ يامان بولىدىغانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرغان. لېكىن ئازەر بۇتقا چوقۇنۇشتا چىڭ تۇرغان ۋە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا، بۇتلارنى يامان كۆرۈشتىن يانمايدىغان بولساڭ، چوقۇم سېنى تاش-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىمەن، دەپ تەھدىت سالغان، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام، ساڭا ئامانلىق تىلەيمەن، ساڭا پەرۋەردىگارىمدىن مەغپىرەت تىلەيمەن، دەپ ئۇنىڭدىن ئايرىلغان.

ئەبۇلەھەب:

ئەبۇلەھەب پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسى بولۇپ، ئىسمى ئابدۇلئۇززا ئىبن ئابدۇلمۇتتەلىپتۇر. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا كۆپ ئەزىيەت يەتكۈزەتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەرەب قەبىلىلىرىگە بېرىپ ئىسلام دىنىغا دەۋەت قىلغان چاغدا، ئەبۇلەھەب ئارقىسىدىن بېرىپ مەسخىرە قىلاتتى ۋە سۆزلىرىنى ئىنكار قىلاتتى. ئەبۇلەھەبنىڭ بىر ئايالى بولۇپ، ئىسمى ئۇممۇ جەمىل ئىدى، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەققىدە قەبىلىلەر ئارىسىدا سۇخەنچىلىك قىلاتتى ۋە پىتنە-پاسات تېرىيتتى. ئاللاھ تائالا ئەبۇلەھەبنى ۋە ئايالىنى ھالاك قىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى دۈشمەن تۇتىدىغانلارغا ئىبرەت قىلدى.

ئەرەفات:

ئەرەفات مەككە مۇكەررەمەدىن 22 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان، ئەتراپى ئەڭ كەتكەن بىر ئېگىز ۋادى. ئەرەفاتتا تۇرۇش ھەجنىڭ مۇھىم رۇكنى ھېسابلىنىدۇ، بۇ ۋادىدا زۇلھەججە ئېيىنىڭ 9- كۈنى چۈش ۋاقتىدىن شامغىچە تۇرغان ئادەمنىڭ ھەج پەرزى ئادا تاپقان بولىدۇ. ئەرەفاتنىڭ شىمالىغا «جەبەلى رەھمە» جايلاشقان بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاخىرقى ھەججىدە بۇ تاغنىڭ يېنىدا تۇرغان ۋە بۇ يەردە ۋىدالىشىش نۇتۇقىنى سۆزلىگەن.

ئەييۇب:

ئەييۇب ئەلەيھىسسالام ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى ئىسھاق ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسلىدىن ئىدى. ئەييۇب ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھ تائالا نېمەت ئاتا قىلىش بىلەن سىنىدى، ئاللاھ تائالا ئۇنى نۇرغۇن بايلىققا ئىگە قىلدى، ئۇنىڭغا كۆپ پەرزەنت ئاتا قىلدى، تېنىنى ساق قىلدى. ئەييۇب ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلغۇچى تەقۋادار ياخشى بەندە ئىدى، ئاندىن ئاللاھ تائالا ئۇنى بەرگەن نېئمىتىنى يوق قىلىۋېتىش بىلەن سىنىدى، ئۇ مال-مۈلكىدىن، پەرزەنتلىرىدىن ئايرىلدى، ئۇنى ئېغىر كېسەللىكلەر چىرمىۋالدى. ئەييۇب ئەلەيھىسسالام بالاغا سەۋر قىلىپ، ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىپ، ئىلگىرىكى تەقۋادارلىق ھالىتى بويىچە پەرۋەردىگارىدىن مەمنۇن بولدى. ئۇنىڭ يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسلىدىن بولغان رەھمە ئاتلىق بىر ياخشى مۆمىن ئايالى بار ئىدى، ئۇ ئەييۇب ئەلەيھىسسالام بىلەن راھەت-پاراغەتتىمۇ، جاپا-مۇشەققەتتىمۇ بىرگە ئىدى. شەيتان ئەييۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالىنى ۋەسۋەسە قىلغىلى تۇردى، ئۇ ئەييۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بېرىپ: «بۇ بالالارغا قاچانغىچە چىدايمىز» دېدى. ئەييۇب ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ئاچچىقلىنىپ: «راھەت-پاراغەتتە قانچە ۋاقىت بولدۇم؟» دېدى. ئايالى: 80« يىل» دېدى. ئاندىن ئەييۇب ئەلەيھىسسالام: «بالايى-ئاپەت ئىچىدە قانچە ۋاقىت تۇردۇم» دېدى. ئايالى: «يەتتە يىل» دېدى. ئەييۇب ئەلەيھىسسالام: «بالايى – ئاپەت ئىچىدە تۇرغان ۋاقتىمنىڭ ئۇزاقلىقى راھەت-پاراغەتتە تۇرغان ۋاقتىمچىلىك بولمىسا، ئاللاھ تائالادىن بالايى-ئاپەتنى كۆتۈرۈۋېتىشنى تىلەشتىن ئۇيالمامدىمەن» دېدى. ئاندىن ئۇ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ساقىيىپ قالسام، سېنى چوقۇم 100 قامچا ئۇرىمەن» دېدى. ئاندىن ئەييۇب ئەلەيھىسسالام ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ: «پەرۋەردىگارىم مېنى زىيان-زەخمەت ئورىۋالدى. سەن ئەڭ مەرھەمەتلىك زاتتۇرسەن» دەپ دۇئا قىلدى. ئاللاھ ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، بېشىغا كەلگەن بالايى-ئاپەتلەرنى كۆتۈرۈۋەتتى. ئاللاھ ئۇنى پۇتى بىلەن يەرنى تېپىشكە بۇيرۇدى. ئۇ پۇتى بىلەن يەرنى تېپىۋىدى، يەردىن سوغۇق سۇ ئېتىلىپ چىقتى. ئاللاھ تائالا ئۇنى شۇ سۇدىن ئىچىشكە ۋە شۇ سۇ بىلەن يۇيۇنۇشقا بۇيرۇدى، ئاللاھ تائالا شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ كېسىلىگە شىپالىق بەردى، ئەييۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ كۈچ- قۇۋۋىتى تولۇق ئەسلىگە كەلدى. ئاللاھ تائالا ئەييۇب ئەلەيھىسسالامنى بىر باغلام چۆپنى ئېلىپ ئۇنىڭ بىلەن ئايالىنى ئۇرۇشقا بۇيرۇدى، ئۇ بىر باغلام چۆپ بىلەن ئايالىنى ئۇرۇپ قەسىمىدىن چىقتى. ئەييۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ئۇنىڭ خىزمىتىنى ئوبدان قىلغانلىقتىن، راھەت-پاراغەتتىمۇ، جاپا-مۇشەققەتتىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلىقتىن، ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم قىلىپ ئەييۇب ئەلەيھىسسالامنى شۇنداق قىلىشقا بۇيرۇدى. كېيىن ئاللاھ تائالا ئەييۇب ئەلەيھىسسالامغا پۇل-مال ۋە پەرزەنت بەردى، ئۇنىڭغا 26 ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلدى. ئەييۇب ئەلەيھىسسالام رۇم خەلقىگە پەيغەمبەر بولۇپ كەلگەن ئىدى. ئەييۇب ئەلەيھىسسالام 93 يىل ئۆمۈر كۆردى.

بابىل:

ئىراقتىكى پۇرات دەرياسى بويىغا جايلاشقان قەدىمكى شەھەر بولۇپ، بۇرۇنقى دەۋرلەردە شانلىق تارىخقا ئىگە ئىدى.

بەدر:

بەدر مەدىنىنىڭ غەربىي جەنۇب تەرىپىگە جايلاشقان، ھىجرىيەنىڭ 2- يىلى رامىزاننىڭ 17 - كۈنى مۇسۇلمانلار بىلەن مەككىلىكلەر ئارىسىدا يۈز بەرگەن چوڭ ئۇرۇش مۇشۇ جايدا بولغان. بۇ ئۇرۇشتا مۇسۇلمانلار سان جەھەتتە ئاز تۇرۇپ، مۇشرىكلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان.

بەككە (مەككە):

مەككە دەسلىپىدە قاقاس ۋادى بولۇپ، ئادەم ياشىمايتتى. ئالدى بىلەن بۇ يەردە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئايالى ھاجەر ۋە ئوغلى ئىسمائىل بىلەن تۇرغان، ئاللاھ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا زەمزەم قۇدۇقىنى پەيدا قىلىپ بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئولتۇراقلىشىپ، ئۇ يەر ئاۋاتلىشىشقا باشلىغان. شام (سۇرىيە) بىلەن يەمەن ئارىسىدا قاتنايدىغان كارۋانلارنىڭ چۈشۈپ ئۆتىدىغان ئۆتىڭىگە ئايلانغان، ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بويىچە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام بۇ يەردە بەيتۇللاھنىڭ ئاساسىنى بىنا قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بۇ يەر پۈتۈن ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى ئەرەبلەرنىڭ مۇقەددەس جايى بولۇپ قالغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىدە تۇغۇلۇپ، ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىنى مەككىدە ئۆتكۈزگەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام 40 ياش ۋاقتىدا مەككىدە ئۇنىڭغا ۋەھىي نازىل بولغان، 53 ياشتا مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇغۇلغان يىلى مەشھۇر پىل يىلى بولۇپ، بۇ يىلى ھەبەشلىك ئەبرەھە لەشكەرلىرىنى باشلاپ، كەئبىنى بۇزۇشقا كەلگەن. رەسۇلۇللاھ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىلى مەدىنىدىن مەككىگە كېلىپ، بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلىپ، خوشلىشىش ھەججىنى قىلغان. ئەينى زاماندا كەئبىگە قويۇلغان بۇتلارنى چېقىپ تاشلاپ، كەئبىنى بۇتلاردىن تازىلىغان، شۇنىڭ بىلەن كەئبە مۇسۇلمانلارنىڭ تاۋاپ قىلىپ، ھەج پەرزىنى ئادا قىلىدىغان مۇقەددەس جايىغا ئايلانغان.

پىرئەۋن:

پىرئەۋن دېگەن سۆز قەدىمكى مىسىر پادىشاھلىرىنىڭ ئورتاق نامىدۇر، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسەسىدە تىلغا ئېلىنغان پىرئەۋننىڭ ئىسمى ۋەلىد ئىبن مۇسئەب ئىدى، ئۇ قېرىندىشى قابۇس ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولغان، قابۇسنى يۇسۇف ئەلەيھىسسالام ئىسلام دىنىغا دەۋەت قىلغاندا، ئۇ باش تارتىپ ئىمان ئېيتمىغان، پىرئەۋن بولسا 400 يىلدىن ئارتۇق ئۆمۈر كۆرگەن، پىرئەۋن ئۆزى ھۆكۈمرانلىق قىلىپ تۇرغان جەرياندا، ئىسرائىل ئەۋلادىنى تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن قىينىغان، ئۇلارنى بىر قانچە گۇرۇپپىلارغا بۆلۈپ، بىر گۇرۇپپىنى قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا سالاتتى، بىر گۇرۇپپىنى دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا سالاتتى، يەنە بىر گۇرۇپپىنى بولسا ئەڭ تۆۋەن پاسكىنا ئىشلارغا سالاتتى، ئەمگەككە يارىمايدىغانلارغا سېلىق سېلىپ تۆلىتەتتى. مۇسا ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولۇپ كېلىپ پىرئەۋننى ئىمان ئېيتىشقا دەۋەت قىلىدۇ. پىرئەۋن ئىماندىن باش تارتىپ كۇفرىدا تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ ئۆزىنىڭ مىسىرنىڭ پادىشاھى ئىكەنلىكى بىلەن پەخىرلىنىدۇ ۋە ئۆزىنى مىسىرلىقلارنىڭ ئالىي پەرۋەردىگارى دەپ جاكارلايدۇ. پىرئەۋن مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۆز قەۋمىگە قاتتىق جاپا سالغانلىقتىن، ئۇلار مىسىردىن پەلەستىنگە قېچىپ چىقىشقا مەجبۇر بولىدۇ. مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۆز قەۋمى بىلەن قىزىل دېڭىزنىڭ بويىغا كېلىپ ئۆتمەكچى بولغان چاغدا، پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا ھاسا بىلەن دېڭىزنى ئۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ، دېڭىزنىڭ سۈيى ئوتتۇرىسىدىن بۆلۈنىدۇ، ئۇلارنى ئارقىدىن قوغلاپ چىققان پىرئەۋن ئۆز قوشۇنى بىلەن ئۇلار ئۆتكەن يەردىن ئۆتمەكچى بولۇپ دېڭىزغا كىرگەندە، بۆلۈنۈپ كەتكەن دېڭىز سۈيى قوشۇلۇپ پىرئەۋن بىلەن ئۇنىڭ قوشۇنىنى غەرق قىلىۋېتىدۇ.

پىل ئىگىلىرى (ئەسھابى فىل): يەمەننىڭ پادىشاھى ئەبرەھە سەنئادا بىر چېركاۋ بىنا قىلىدۇ، ئۇ كىشىلەرنى مەككىدىكى بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلىشتىن توسۇپ، ئۇلارنى ئۆزى بىنا قىلغان چېركاۋغا چوقۇندۇرماقچى بولىدۇ، بىر ئەئرابى چېركاۋغا كېلىپ تەرەت قىلىپ قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئەبرەھە كەئبىنى چوقۇم بۇزۇپ تاشلاشقا قەسەمياد قىلىدۇ، ئۇ كەئبىنى بۇزۇش ئۈچۈن كەلگەندە، ئاللاھ تائالا توپ-توپ قۇشلارنى ئەبرەھە ۋە ئۇنىڭ قوشۇنىغا ئاپىرىدە قىلىپ، ئۇلارنى ھالاك قىلىدۇ، ئۇنىڭ قوشۇنىدا كەئبىنى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن تەييارلانغان بىر پىل بار ئىدى، شۇڭا بۇ ۋەقە يۈز بەرگەن يىل پىل يىلى دەپ ئاتالغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەنە شۇ پىل يىلى تۇغۇلغان.

تابۇت: تابۇت تەۋرات قاچىلانغان ساندۇق بولۇپ، ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كېتىلگەن ئىدى. كېيىن ئاللاھ ئۇنى يەھۇدىيلارغا ئاسماندىن چۈشۈرۈپ بەرگەن، بۇ ئالاھىدە خاسىيەتلىك ساندۇق بولۇپ، يەھۇدىيلار دۈشمەنلەر بىلەن ئۇرۇشقان چاغدا بۇ ساندۇقنى ئۇرۇش مەيدانىدا ئۆزلىرى بىلەن بىللە تۇتاتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇرۇشتا غەلىبە قىلاتتى. ئۇلار ئۆز دىنىدىن چەتنەپ كەتكەنلىكتىن، ئاللاھ ئۇلارغا پەلەستىنلىكلەرنى ئاپىرىدە قىلدى، يەھۇدىيلار مەغلۇپ بولۇپ، پەلەستىنلىكلەر ئۇلاردىن بۇ تابۇتنى تارتىۋالدى.

تالۇت:

تالۇت بەنى ئىسرائىلنىڭ بىر پادىشاھىنىڭ ئىسمى بولۇپ، بۇ جالۇت سۆزىگە

بېرىلگەن ئىزاھاتتا بايان قىلىنىدۇ.

تاھا:

تاھا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسىملىرىدىن بىرى.

تۇۋا:

تۇۋا مۇسا ئەلەيھىسسالام تۇرسىنادا چۈشكەن بىر مۇبارەك ۋادىنىڭ ئىسمى بولۇپ، بۇ يەردە ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن سۆزلەشكەن.

تۇببە:

تۇببە يەمەنگە ۋە ھەزرىمەۋتقا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ھەر بىر پادىشاھقا دېيىلىدۇ، تۇببەلەر يەمەندە چوڭ سەلتەنەتكە ئىگە ئىدى، ئۇلارنىڭ قىلغان زۇلۇملىرى تۈپەيلىدىن سەلتەنىتى گۇمران بولغان.

تۇر تېغى (تۇرسىنا):

تۇر تېغى ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا سۆز قىلغان تاغنىڭ نامى بولۇپ، مۇناجات تېغى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

جالۇت:

غەززەنىڭ يېنىدىكى ئەشدوردا ئولتۇرۇشلۇق پەلەستىنلىكلەر بىلەن بەنى ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى تالۇتنىڭ ئارىسىدا ئۇرۇش پارتلىغاندا، پەلەستىن قوشۇنىنىڭباشچىسى جالۇت ئىدى. جالۇت مەشھۇر ئۇرۇش باتۇرلىرىدىن بولۇپ، باتۇرلار ئۇنىڭ بىلەن ئېلىشىشتىن قورقاتتى، جالۇت مەيدانغا چۈشۈپ تالۇت قوشۇنىدىكىلەردىن ئۆزى بىلەن يەكمۇيەك ئېلىشىشنى تەلەپ قىلدى. ھەممىسى جالۇتتىن قورقتى، بۇ چاغدا غەيرەتلىك يىگىت داۋۇد چىقىپ تالۇتتىن جالۇت بىلەن ئۇرۇشۇشقا ئىجازەت سورىدى. داۋۇد ئۇرۇش قوراللىرىدىن پەقەت ھاسىنى ۋە تاش ئاتىدىغان قورالنى ۋە بىر ئاز تاش ئېلىپ، مەيدانغا چىقتى، جالۇت ئۇنى مەنسىتمىدى. قىلىچ ۋە نەيزىلەر بىلەن قوراللانغان كۈچلۈك دۈشمەن ئالدىدا ئۆزىنى ھالاكەتكە تاشلاۋاتقان بۇ يىگىتنىڭ ئىشىدىن ئەجەبلەندى، لېكىن داۋۇد ئۇنى قارىغا ئېلىپ تاش ئاتىدىغان قورال بىلەن بىر تاشنى ئېتىپ جالۇتنىڭ بېشىنى يېرىۋەتتى، داۋۇد ئىككىنچى بىر تاشنى ئاتقان ئىدى، بۇنىڭ بىلەن جالۇت ھالاك بولدى، بەنى ئىسرائىل غەلىبە قازىنىپ ئۆزلىرىنىڭ سەلتەنەتىنى قايتۇرۇۋالدى.

جىبرىئىل (جەبرائىل):

جىبرىئىل ئاللاھنىڭ يېقىن پەرىشتىلىرىنىڭ بىرىنىڭ ئىسمى بولۇپ، روھۇلقۇدۇسمۇ دېيىلىدۇ. جىبرىئىل بولسا ئاللاھنىڭ ۋەھىيسىنى پەيغەمبەرلەرگە يەتكۈزىدىغان پەرىشتە، جىبرىئىل ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن پەيغەمبەرلەرگە ۋەھىي ئېلىپ كېلىشتە ئىنسان سۈرىتىدە كېلەتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىككى قېتىم: بىر قېتىم ئاسماندا، بىر قېتىم زېمىندا ئۆز شەكلىدە كۆرۈنگەن، ئابدۇللا ئىبن مەسئۇدنىڭ ئېيتىشىچە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جىبرىئىلنى ئۆز شەكلىدە كۆرگەندە، 600 قاناتلىق كۆرگەن، ھەر قانىتى ئۇپۇققا بىر كېلەتتى.

داۋۇد:

بەنى ئىسرائىل قەۋمى مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن 356 يىلچە پادىشاھسىز قالدى، بۇ جەرياندا ئۇلار ئەمالىقەلەر، ئارامىلەر ۋە پەلەستىنلىكلەردىن بولغان قوشنىلىرىنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچراپ تۇردى. بۇ مۇددەتنىڭ ئاخىرىقى مەزگىلىدە، بەنى ئىسرائىلغا تالۇت (شاۋۇل) ھۆكۈمرانلىق قىلدى، تالۇت پەلەستىنلىكلەرگە ئۇرۇش ئېچىپ ئۇلاردىن تابۇتنى يەنى تەۋرات قاچىلانغان ساندۇقنى تارتىۋالدى، بۇ ۋاقىتتا بەنى ئىسرائىل قەۋمى ئىچىدە، قەۋمىنىڭ دۈشمەنلىرىگە قارشى ئۇرۇش قىلىشقا ھېرىس داۋۇد ئىسىملىك بىر يىگىت مەيدانغا كەلدى، ئۇ دۈشمىنى پەلەستىنلىكلەر قوشۇنى بىلەن بولغان ئۇرۇشتا يېشىنىڭ كىچىكلىكىگە قارىماي، دۈشمەن قوشۇنىنىڭ باشلىقى جالۇتنى ئۆلتۈردى. تالۇت مۇكاپاتلاش يۈزىسىدىن داۋۇدقا قىزىنى بەردى، داۋۇد بىر قانچىلىغان جەڭلەردە دۈشمەنلەرنى يەڭدى، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئارىسىدا ئۇنىڭ ئابرۇيى ئۆسۈپ، كىشىلەر ئۇنىڭ ئۆزلىرىگە باشچى بولۇشىنى تەلەپ قىلدى، تالۇت ئۆلگەندىن كېيىن بەنى ئىسرائىل قەۋمى داۋۇدنى ئۆزلىرىگە پادىشاھ قىلىۋالدى، بۇ چاغدا داۋۇدنىڭ يېشى 30 دىن ئاشمىغان ئىدى، داۋۇد خەلق ئارىسىدا ئادالەت بىلەن ئىش ئېلىپ باردى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە تەۋراتنىڭ ئەھكامىنى ئەمەلىيلەشتۈردى، داۋۇد ئەلەيھىسسالام 40 ياشقا كىرگەندە پەيغەمبەر بولدى، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا تۆت ساماۋى كىتابلارنىڭ بىرى بولغان زەبۇرنى نازىل قىلدى، زەبۇر قەسىدىلەردىن ئىبارەت بولۇپ، ئاللاھنى ئۇلۇغلاشنى ۋە ئاللاھقا بولغان ھەمدۇسانالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، داۋۇد ئەلەيھىسسالام خۇش ئاۋاز بولۇپ، ئۆزىنىڭ يېقىملىق ئاۋازى بىلەن زەبۇرنى تىلاۋەت قىلىپ، كىشىلەرنىڭ دىلىنى ئېرىتىۋېتەتتى، ھەتتا قۇشلارمۇ ۋە تاغلارمۇ ئۇنىڭ بىلەن تەسبىھ ئېيتىپ، ئۇنىڭغا ئەكس سادا قايتۇراتتى. ئاللاھ تائالا داۋۇد ئەلەيھىسسالامغا تۆمۈر تاۋلاشنى بىلدۈرگەن بولۇپ، داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ قولىدا تۆمۈر خېمىردەك يۇمشاپ كېتەتتى. داۋۇد ئەلەيھىسسالام سوقۇش ئۈچۈن تۆمۈر كىيىملەرنى ياسايتتى. سۇلايمان ئەلەيھىسسالام داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى ئىدى، داۋۇد ئەلەيھىسسالام ئۇنى سوراق سورۇنلىرىدا يېنىدا ئولتۇرغۇزۇۋېلىپ، ئۇنىڭغا كىشىلەر ئارىسىدا ئادىل ھۆكۈم چىقىرىشنى ئۆگىتەتتى، ئىبن جەرىرنىڭ رىۋايىتىگە قارىغاندا داۋۇد ئەلەيھىسسالام 100 يىل ياشىغان. رەس ئاھالىسى (ئەسھابۇررەس): قۇرئان كەرىمدە نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى ئاد ۋە سەمۇد قەۋملىرى ئارىسىدا ئۆتكەن نامەلۇم ئۈممەتلەر بايان قىلىنىدۇ، رەس ئاھالىسى ئەنە شۇ ئۈممەتلەردىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆز پەيغەمبىرىگە تۇتقان مۇئامىلىسى قۇرەيش كۇففارلىرىنىڭ رەسۇلۇللاھقا تۇتقان مۇئامىلىسىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىسسەسىنى باشقىلارغا ئىبرەت ئۈچۈن بايان قىلىدۇ. بەزى رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، رەس ئاھالىسى بۇتپەرەس خەلق بولۇپ، ئۇلارنىڭ نۇرغۇن قۇدۇقلىرى ۋە چارۋىلىرى بار ئىدى. ئۇلار پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىمانغا قىلغان دەۋىتىنى قوبۇل قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلارنى تۇرالغۇ جايلىرى بىلەن قوشۇپ يەرگە يۇتقۇزۇۋاتقان.

رۇم:

رۇم ئەرەبلەرنىڭ شەرقىي رىم ئىمپېرىيەسى ئاھالىسىگە قويغان نامى. بۇ، تارىختا ۋىزانتىيە نامى بىلەن مەشھۇر. ئىسلام دىنى مەيدانغا كەلگەن چاغدا، ئۇ چوڭ دۆلەتلەردىن ئىدى. ئىران دۆلىتى شەرقىي رىم ئىمپېرىيەسى بىلەن رىقابەتتە ئىدى.  ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر قانچە قېتىم ئۇرۇش بولغان.زەكەرىيا: زەكەرىيا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى قۇرئاندا سەككىز جايدا تىلغا ئېلىنىدۇ. زەكەرىيا ئەلەيھىسسالام بەنى ئىسرائىل پەيغەمبەرلىرىدىن بولۇپ، يەھيا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاتىسىدۇر. ئۇنىڭ نەسىبى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا تۇتىشىدۇ. ئىمراننىڭ ئايالى ئۆز قىزى ھەزرىتى مەريەمنى ئىبادەتخانىنىڭ خىزمىتىگە  ئاتىۋەتكەن ئىدى. ھەزرىتى مەريەم ئىبادەتخانىغا ئېلىپ كېلىنگەندە، ئىبادەتخانا خىزمەتچىلىرى ئۇنى تەربىيەسىگە ئېلىش مەسىلىسىدە تالىشىپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆزئارا چەك تاشلىشىدۇ. نەتىجىدە ھەزرىتى مەريەم زەكەرىيا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەربىيەسىگە تاپشۇرۇلىدۇ. زەكەرىيا ئەلەيھىسسالام ھەزرىتى مەريەمنىڭ ئانىسىنىڭ ھەمشىرىسىنىڭ ئېرى ئىدى. زەكەرىيا ئەلەيھىسسالام ھەزرىتى مەريەم ئۈچۈن ئىبادەتخانىغا تۇتاش بىر ھۇجرا سېلىپ، ئۇنى شۇ ھۇجرىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. زەكەرىيا ئەلەيھىسسالام ھەزرىتى مەريەمنىڭ يېنىغا كىرگەندە ئۇنىڭ قېشىدا يېمەكلىكلەرنى ئۇچرىتاتتى، ئۇنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى سورايتتى، ھەزرىتى مەريەم ئۇلارنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن رىزىق ئىكەنلىكىنى ئېيتاتتى. زەكەرىيا ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ئورنىنى باسىدىغان بىرەر پەرزەنت بولۇشىنى ئارزۇ قىلىپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ يەككە-يېگانە قالماسلىقىنى تىلەپ ئاللاھقا دۇئا قىلىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدۇ. پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا يەھيا ئىسىملىك پەرزەنتى بولۇشى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ، زەكەرىيا ئەلەيھىسسالامنىڭ يېشى 90 دىن ئاشقانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايالى تۇغماس بولغانلىقى سەۋەبلىك، ئۇ بۇ خۇش خەۋەرگە چىنپۈتمىگىلى تاس قالىدۇ. ئۇ پەرۋەردىگارىدىن پەرزەنت بېرىلىدىغانلىقىغا بىر ئالامەت بولۇشنى تىلەيدۇ، ئاللاھ ئۇنىڭ كىشىلەر بىلەن ئۈچ كۈن سۆزلىشىشكە قادىر بولالمايدىغانلىقىنى ئۇنىڭ ئالامىتى قىلىدۇ. زەكەرىيا ئەلەيھىسسالام بۇ ئۈچ كۈن ئىچىدە پەقەت ئىشارەت ئارقىلىقلا سۆزلىشىدۇ، يەھيا ئەلەيھىسسالام تۇغۇلۇپ، ئۆسۈپ ياخشى چوڭ بولۇپ، ئاتىسىنىڭ ئوبدان ئورۇنباسارى بولۇپ قالىدۇ.

زۇلقەرنەين:

كۆپچىلىك مۇپەسسىرلەر قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان زۇلقەرنەيننى مەشھۇر ئىشغالىيەتچى ئىسكەندەر مەقدۇنى دەپ قارايدۇ. بەزىلەر ئۇنى يەمەننىڭ  پادىشاھلىرىدىن بىرى دەپ قارايدۇ، بەزىلەر ئۇنى ئۇ بىر ياخشى بەندە بولۇپ، ئاللاھ ئۇنىڭغا بۈيۈك سەلتەنەت، ھېكمەت ۋە پايدىلىق ئىلىم ئاتا قىلغان دەپ قارايدۇ، زۇلقەرنەين ئىسكەندەر مەقدۇنى ئەمەس دېگۈچىلەر ئىسكەندەرنىڭ قەدىمكى يۇنان ئىلاھلىرىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئارىستوتىلدىن پەلسەپە ئۆگەنگەنلىكىنى، قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان زۇلقەرنەيننىڭ بولسا تەۋھىدكە، ئاللاھقا ئىشىنىشكە مايىل ئىكەنلىكىنى دەلىل قىلىپ كۆرسىتىدۇ. ئىسكەندەرنىڭ قەدىمكى يۇنان ئىلاھلىرىغا ئېتىقاد قىلىش تەرەپلىرى بولغان بولسا، بۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكىدىن، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۆزى ئىشغال قىلىۋالغان مەدەنىي مىللەتلەرنىڭ مەبۇدلىرىنى ھۆرمەت قىلغانلىقىدىن بولغان بولۇشى مۇمكىن، ئۇ مىسىرلىقلارنىڭ مەبۇدى ئامۇنغا ئەنە شۇنداق مۇئامىلە قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ ئارىستوتىلدىن پەلسەپە ئۆگەنگەنلىكىگە كېلىدىغان بولساق، «روھۇل مەئانى» تەپسىرىنىڭ مۇئەللىپى مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئىسكەندەرنىڭ ئارىستوتېل پەلسەپەسىگە پۈتۈنلەي ئېتىقاد قىلىدىغانلىقىغا قايىل ئەمەسمىز. چۈنكى بىر كىشىنىڭ يەنە بىر كىشىگە شاگىرت بولۇشى ئۇنىڭ ھەممە مەسىلىلەرگە بولغان قارىشى ئۇستازىنىڭ قارىشى بىلەن بىردەك بولۇشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ». ئىسكەندەر مەقدۇنى مىلادىدىن 356 يىل بۇرۇن تۇغۇلغان. ئاتىسى ئۇنى ئوبدان تەربىيەلىگەن، ئۇ پەلسەپە ۋە ئىلىم-مەرىپەت جەھەتتە كۆپ مەلۇمات ھاسىل قىلغان، ئۆز دەۋرىدە جاھاننىڭ كۆپ قىسمىنى ئىشغال قىلغان. مىلادىدىن 332 يىل بۇرۇن مىسىرنى ئىشغال قىلىپ، ئۇنىڭدىن پارسلارنى ھەيدەپ چىقارغان، مىسىردا ئىسكەندىرىيە شەھىرىنى بىنا قىلغان، ئۇ ئىراق، ھىندىستان، ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق جايلارنى بويسۇندۇرغان، ئۇ مىلادىدىن 323 يىل بۇرۇن بابىلدا 33 يېشىدا ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ زۇلقەرنەين دەپ ئاتىلىشى شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇنىڭ كىيگەن دۇبۇلغىسىنىڭ ئىككى تەرىپىدە چوڭ ئىككى باغلام ئۇزۇن ئاق پەي بار ئىدى.

زۇلكىفل:

تارىخچىلار زۇلكىفلنى ئەييۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى دەيدۇ. ئاللاھ تائالا زۇلكىفل ئەلەيھىسسالامنى ئەييۇب ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن، بەزى ئۆلىمالار ئۇنى پەيغەمبەر ئەمەس، بەنى ئىسرائىل ئىچىدىكى بىر ياخشى بەندە دەپ قارايدۇ.

سەفا:

مەككىدىكى بىر تاغنىڭ ئىسمى بولۇپ، ھەج قىلغۇچى ئادەم سەفا بىلەن مەرۋە ئارىسىدا سەئيى قىلىدۇ، مۇنداق سەئيى قىلىش ھەجنىڭ ئەھكاملىرىنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

سالىھ:

سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسىبى نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى سامغا تۇتىشىدۇ، ئاللاھ تائالا سالىھ ئەلەيھىسسالامنى سەمۇد قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن. سەمۇد بولسا ئاد، جۇرھۇم، مەديەن ۋە قەھتان قاتارلىق قەدىمكى ئەرەب  قەبىلىلىرىدىن ئىدى. سەمۇد قەۋمىنىڭ جايى ھىجر دېگەن جايدا بولۇپ، ھىجر بولسا ھىجاز بىلەن شامنىڭ ئارىسىغا جايلاشقان. سەمۇد قەۋمى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىن ۋە مىلادىدىن بۇرۇن ياشىغان قەۋم ئىدى. سەمۇد قەۋمى بۇتلارغا چوقۇناتتى. ئاللاھ تائالا ئۇلارغا سالىھ ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىپ، ئۇلارنى بۇتقا چوقۇنماسلىققا، بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا دەۋەت قىلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئازغىنە كىشىدىن باشقىسى سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتىگە قۇلاق سالمىدى، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىنكار قىلىپ، كۇفرىدا تېخىمۇ ھەددىدىن ئاشتى. سالىھ ئەلەيھىسسالامدىن پەيغەمبەرلىكنىڭ راستلىقىغا دالالەت قىلىدىغان بىرەر مۆجىزە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. سالىھ ئەلەيھىسسالام مۆجىزە سۈپىتىدە قاتتىق تاشنىڭ ئارىسىدىن بىر تۆگە چىقاردى. بۇ تۆگىنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇ ئىدىكى، ئۇ پۈتۈن قەبىلىنىڭ سۈيىنى ئىچىۋېتەتتى، قانچىلىك نۇرغۇن سۇ ئىچسە، شۇنچىلىك سۈت بېرەتتى. سالىھ ئەلەيھىسسالام بۇ مۆجىزىنى كۆرسەتكەندىن كېيىن، قەۋمىنىڭ تولىسى يەنىلا ئىمان ئېيتمىدى. سالىھ ئەلەيھىسسالام قەۋمىنى تۆگىگە چېقىلىشتىن ئاگاھلاندۇردى. ئۇلارنى تۆگىنى ئۆلتۈرىدىغان بولسا ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئازابىغا قالىدىغانلىقلىرى بىلەن ئاگاھلاندۇردى. ئۇلار سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماي تۆگىنى ئۆلتۈردى. ئالدى بىلەن تۆگىگە ھۇجۇم قىلىپ ئۆلتۈرگۈچى شەخس قۇدار ئىبن سالىف ئىدى، تۆگە يەرگە يېقىلغاندىن كېيىن يەنە ئۇلاردىن توققۇز ئادەم تۆگىگە قىلىچ سېلىپ، ئۇنى پارچىلاپ تاشلىدى. ئۇلار تۆگىنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى سالىھ ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇشتى. سالىھ ئەلەيھىسسالامغا سۇيىقەست قىلماقچى بولغانلارنى ئاللاھ تائالا ئاسماندىن تاش ياغدۇرۇپ ھالاك قىلدى، تۆگە ئۆلتۈرۈلۈپ ئۈچ كۈندىن كېيىن ئاللاھ تائالا سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىنى ھالاك قىلدى. سالىھ ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەر ئازابتىن قۇتۇلۇپ قالدى، سالىھ ئەلەيھىسسالام بىلەن ئازابتىن قۇتۇلۇپ قالغان مۆمىنلەرنىڭ سانى 120 ئىدى. ئىمان ئېيتماي ھالاك بولغۇچىلارنىڭ سانى بەش مىڭ ئائىلە ئىدى، مەشھۇر رىۋايەتكە قارىغاندا، ئۇلاردىن كېيىن سالىھ ئەلەيھىسسالام پەلەستىن زېمىنىڭ رەمىل دېگەن جايىنىڭ ئەتراپىدا  ئاخىرىقى ئۆمرىگىچە ياشىغان.

سەبەئ:

سەبەئ يەمەنگە جايلاشقان قەدىمكى ئەرەب قەبىلىلىرىدىن بىرى ئىدى، ئەرەب يېرىم ئارىلىدا سەيلۇل ئەرەم ناملىق مەشھۇر  كەلكۈن سۇ ئاپىتىدىن كېيىن، ئۇنىڭدىن بىر قانچە قەبىلىلەر شاخلاپ چىققان. سەبەئ ئاھالىسى ئاۋات شەھەرلەرنى بەرپا قىلغان. ئاللاھ تائالا ئۇلارغا مولچىلىقنى ۋە مول يامغۇرنى ئىنئام قىلغان. ئۇلار ئىككى تاغ ئارىسىدا ئېگىز توسما سېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ۋادىدىكى سۇنى توسىغان، ئۇنى ئىنچىكە چارە-تەدبىر ۋە تېخنىكىلىق ئاساستا باشقۇرغان. ئۇلار مېۋىلىك باغلارنى بەرپا قىلغان، لېكىن ئۇلار ئاللاھنىڭ ھەققىغە رىئايە قىلمىغان ۋە ئاللاھنىڭ نېئمىتىگە شۈكۈر قىلمىغان، دۇنياغا ئالدانغان، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارنى سەيلۇل ئەرەم ناملىق مەشھۇر سۇ ئاپىتى بىلەن جازالاپ يۇرتلىرىنى ۋەيران قىلىپ، ئۇلارنى تىرىپسىن قىلىۋەتكەن.

سۇلايمان:

سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى قۇرئان كەرىمدە 16 ئورۇندا تىلغا ئېلىنىدۇ. سۇلايمان ئەلەيھىسسالام بەنى ئىسرائىل قەۋمىنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن بولۇپ، ئاللاھ ئۇنىڭغا ھەم پەيغەمبەرلىكنى، ھەم پادىشاھلىقنى ئاتا قىلغان، ئاتىسى داۋۇد ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن، پادىشاھلىق سۇلايمان ئەلەيھىسسالامغا قالغان، بۇ چاغدا سۇلايمان ئەلەيھىسسالام 12 ياشتا ئىدى. ئاللاھ تائالا سۇلايمان ئەلەيھىسسالامغا كىچىكىدىلا ھېكمەت ۋە ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلغان، ئۇ كىچىك ۋاقتىدىن تارتىپلا ئاتىسى داۋۇد ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە سوراق سورايتتى ۋە ھۆكۈم چىقىراتتى، كىچىكىدىلا ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى تالانتى كۆرۈنۈشكە باشلىغان ئىدى، چوڭ بولغاندا ئاللاھ ئۇنىڭغا پەيغەمبەرلىكنى ئاتا قىلدى، قۇشلارنىڭ تىلىنى بىلدۈردى، شامالنى ۋە جىنلارنى بويسۇندۇرۇپ بەردى. سۇلايمان ئەلەيھىسسالام پادىشاھ بولۇپ تۆت يىلدىن كېيىن ئاتىسى داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەسىيىتىگە ئاساسەن بەيتۇلمۇقەددەسنى تەئمىر قىلدى، ئۇنىڭ ئاساسىنى داۋۇد ئەلەيھىسسالام بەرپا قىلغان ئىدى. سۇلايمان ئەلەيھىسسالام بۇ تەئمىر ئۈچۈن نۇرغۇن پۇل سەرپ قىلدى. قۇرۇلۇشنى يەتتە يىلدا تاماملىدى. قۇددۇس شەھىرىنىڭ ئەتراپىغا سېپىل سوقتۇردى. سۇلايمان ئەلەيھىسسالام كاتتا سەلتەنەتكە ئىگە ئىدى. ئۇ قۇرۇلۇش-تەئمىر ئىشلىرىغا، ئۇرۇش ئۈچۈن ئاتلارنى مەشىق قىلدۇرۇپ تەييارلاشقا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلەتتى. سۇلايمان ئەلەيھىسسالام 52 يىل ئۆمۈر كۆرگەن، ئىبن ئىسھاقنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە، سۇلايمان ئەلەيھىسسالام 40 يىل پادىشاھ بولغان.

سۇۋائ:

سۇۋائ نۇھ ئەلەيھىسسالام قەۋمىنىڭ بىر بۇتىنىڭ نامى، كېيىنچە ئۇ ئەرەب قەبىلىلىرىدىن ھۇزەيل قەبىلىسىنىڭ چوقۇنىدىغان بۇتى بولۇپ قالغان.

شۇئەيب:

شۇئەيب ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسىبى چوڭ بوۋىسى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا تۇتىشىدۇ، شۇئەيب ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى ئىدى.  شۇئەيب ئەلەيھىسسالام لۇت ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن كەلگەن پەيغەمبەر بولۇپ، قەۋمى مەديەن ئاھالىسىگە ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەن،  مەديەن ئاھالىسى ئەرەب بولۇپ، ھىجاز زېمىنىدا ياشايتتى. تەبەرىنىڭ رىۋايىتىگە قارىغاندا، مىسىر بىلەن مەديەن ئارىسىدىكى مۇساپە سەككىز كۈنلۈك يول ئىدى، مەديەن ئاھالىسى تىجارەت ۋە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ، پاراۋان ياشايتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە يامان ئىشلار تارالغان بولۇپ، تارازا-ئۆلچەملەردە ساختىلىق قىلىش ئۇلارنىڭ ئادىتىگە ئايلانغان ئىدى. شۇئەيب ئەلەيھىسسالام قەۋمىنى تەۋھىدكە ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا دەۋەت قىلدى. ئۇلارنى زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن، تارازا-ئۆلچەملەردە ساختىلىق قىلىشتىن مەنئى قىلدى. ئۇلار شۇئەيب ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماي گۇمراھلىقتا تېخىمۇ ئەزۋەيلىدى، ئۇلار شۇئەيب ئەلەيھىسسالامغا: «راست پەيغەمبەر بولساڭ، ئۈستىمىزگە ئاسماننى پارچە-پارچە قىلىپ چۈشۈرگىن» دېگەن تەلەپنى قويدى، ئاللاھ ئۇلارنى يەتتە كۈن قاتتىق ئىسسىققا مۇپتىلا قىلدى، ئۇلارنىڭ سۇلىرى قۇرۇپ كەتتى، ئاندىن ئۇلارغا بىر بۇلۇتنى ئەۋەتتى، ئۇلار ئىسسىقتىن قېچىپ سايىداش ئۈچۈن بۇلۇتنىڭ تېگىگە يىغىلىشتى، ئۇلار يىغىلىپ بولغاندا، يەر تەۋرىدى، ئۇلارغا قاتتىق ئاۋاز يۈزلەندى، شۇنىڭ بىلەن ئاسماندىن ئوت يېغىپ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىدى. شۇئەيب ئەلەيھىسسالام قەۋمى ھالاك بولغاندىن كېيىن يەنە بىر مەزگىل ياشىدى.

قارۇن:

قارۇن مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغقانلىرىدىن بىرى بولۇپ، مال-دۇنياسى كۆپ بىر ئادەم ئىدى، پىرئەۋن ئۇنى ئىسرائىل ئەۋلادىغا باشچى قىلىپ قويغان. قارۇن پىرئەۋنگە بەنى ئىسرائىلغا زۇلۇم قىلىشتا يانتاياق بولغان، پېقىرلارنى ئېزىپ يىغقان مال-دۇنياسىغا مەغرۇر بولۇپ تولىمۇ ھاكاۋۇرلىشىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ ئۆزى ئۈچۈن چوڭ-چوڭ سارايلارنى سالدۇرغان، قارۇن تولىمۇ بېخىل بولۇپ، شۇنچە كۆپ دۇنياسى تۇرۇقلۇق كەمبەغەللەرگە قىلچە خەير-ئېھسان قىلمايتتى. ئۇ مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتىگە قىلچە قۇلاق سالمىغان، پىرئەۋن تەرەپدارى بولۇپ ھە دەپ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا قارشى تۇرغان ئىدى. مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قارۇنغا دۇئايىبەت قىلىشى ئارقىسىدا، قارۇننى پۈتۈن مال-مۈلكى ۋە تەۋەلىرى بىلەن قوشۇپ يەر يۇتقان ئىدى.

قۇرەيش:

قۇرەيش بىر ئەرەب قەبىلىسى بولۇپ، مىلادى 5- ئەسىردە مەككىدە ئولتۇراقلاشقان. قۇرەيش ئەينى زاماندا مەككىدە ئۈستۈنلۈك قازانغان خۇزائە قەبىلىسى  ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆتىنچى بوۋىسى قۇسەي ئىبن كىلاب 5- ئەسىردە مەككىنىڭ ۋە بەيتۇللاھنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئىگىلىگەن. قۇرەيش ئىچىدىن ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ ھەممە يەرلىرىگە قاتنايدىغان چوڭ-چوڭ كارۋان سودىگەرلىرى مەيدانغا كەلگەن، ئۇلار تىجارەت بىلەن قىشلىقى يەمەنگە، يازلىقى سۇرىيەگە قاتنايتتى.

تالۇت:

لۇت ئەلەيھىسسالام ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر تۇغقىنى ھارۇننىڭ ئوغلى ئىدى. لۇت ئەلەيھىسسالام ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتقان ئىدى. ئۇ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن بارلىق سەپەرلەردە بىللە بولاتتى. ئاللاھ تائالا لۇت ئەلەيھىسسالامنى ئىئوردانىيەگە تەۋە سەدۇم ئاھالىسىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتى. سەدۇم ئاھالىسى تولىمۇ ئەخلاقسىز خەلق بولۇپ، يامان ئىشلارنى ئاشكارا قىلاتتى، مۇساپىرلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلاتتى، ئۇيالماستىن بەچچىۋازلىق قىلاتتى. لۇت ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا پەند-نەسىھەت قىلىپ، ئۇلارنى يامان ئاقىۋەتكە قېلىشتىن ئاگاھلاندۇردى، لېكىن ئۇلار ئاسىيلىق قىلىپ يامان ئىشلاردىن يانمىدى. لۇت ئەلەيھىسسالامغا ئۇلار بىردەم تاش-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىمىز دەپ، بىردەم يۇرتتىن ھەيدەپ چىقىرىمىز دەپ تەھدىت سالاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقلىق بولدى، ئاللاھ ئۇلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن چىرايلىق ياش يىگىتلەر سۈرىتىدە پەرىشتىلەرنى ئەۋەتتى، بۇ چاغدا لۇت ئەلەيھىسسالام پەرىشتىلەرنى ئادەمزات دەپ ئويلاپ، بۇ مېھمانلىرىغا قەۋمىنىڭ يامان مۇئامىلىدە بولۇشىدىن ئەنسىرىدى، يۇرتنىڭ كىشىلىرى لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ مېھمانلىرى بىلەن يامان ئىشىلىشنى تەلەپ قىلغان چاغدا، لۇت ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: «مېھمانلىرىم ئالدىدا مېنى رەسۋا قىلماڭلار، سىلەر ئۈچۈن ئاياللىرىڭلار ئەڭ پاكتۇر» دېدى. ئۇلار لۇت  ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى. بۇ چاغدا پەرىشتىلەر لۇت ئەلەيھىسسالامغا ھەقىقىي ئەھۋالنى __ ئۇنىڭ قەۋمىنى ھالاك قىلىدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى، پەرىشتىلەر لۇت ئەلەيھىسسالامغا ئىككى قىزى ۋە ئايالى بىلەن بىرلىكتە يۇرتىدىن چىقىپ كېتىشنى، ھېچقايسىسىنىڭ ئارقىسىغا قارىماسلىقىنى ئېيتتى، ئۇلار پەرىشتىلەرنىڭ ئېيتقىنىچە قىلدى، پەقەت لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالىلا قەۋمىگە نازىل بولىدىغان ئازابنى كۆرۈش ئۈچۈن ئارقىسىغا قارىغان ئىدى، ئۇمۇ قەۋمى بىلەن ھالاك بولدى، لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالىنىڭ كۆڭلى قەۋمى بىلەن بىرگە ئىدى، ئۇ ئىمان ئېيتمىغان ئىدى. ئاللاھ تائالا لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىنىڭ ئۈستىگە ساپال-تاش ياغدۇرۇپ ۋە يۇرتىنى دۈم كۆمتۈرۈپ، ئۇلارنى ھالاك قىلدى.

لوقمان:

لوقمان ھەكىم بولسا بائۇرانىڭ ئوغلى بولۇپ، ئۇ ئەييۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەمشىرىسىنىڭ ياكى ئانىسىنىڭ ھەمشىرىسىنىڭ ئوغلى ئازەرنىڭ ئەۋلادىدىن ئىدى. ئاللاھ ئۇنىڭغا ئىلمىي ھېكمەت ئاتا قىلغان ئىدى. ئۇ توغرا پىكىرلىك زات بولۇپ، دىنىي ئەقىدە ۋە دىنىي ئەھكاملاردا توغرا پەتىۋا بېرەتتى، ئۇ داۋۇد ئەلەيھىسسالامدىن ئىلىم ئۆگەنگەن ئىدى، ئۇنىڭدىن نۇرغۇن ھېكمەتلىك ۋە ئىبرەتلىك سۆزلەر رىۋايەت قىلىنغان، قۇرئاندا لوقمان ھەكىمنىڭ ئۆز ئوغلىغا قىلغان نەمۇنىلىك پەند- نەسىھەتى بايان قىلىنغان، لوقمان ھەكىم پەيغەمبەر بولغان ئەمەس، ئۇنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ.

مانات:

مانات ھۇزەيل قەبىلىسى بىلەن خۇزائە قەبىلىسى چوقۇنغان بۇتنىڭ نامى.

مەديەن:

مەديەن قىزىل دېڭىز بويىدىكى بىر يۇرتنىڭ نامى، مۇسا ئەلەيھىسسالام سۇ تارتىپ شۇئەيب ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزلىرىنىڭ ماللىرىنى سۇغىرىشىپ بەرگەن قۇدۇق ئەنە شۇ مەديەندىدۇر.

مەرۋە ۋە سەفا:

مەرۋە بىلەن سەفا مەككە مۇكەررەمەدە مەسجىدى ھەرامنىڭ يېنىدىكى ئىككى تاغ بولۇپ، ھەج قىلغۇچى ياكى ئۆمرە قىلغۇچى ئادەم ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يەتتە قېتىم سەئيى قىلىدۇ،بۇ ھەج ئىبادىتىنىڭ قائىدىلىرىندۇر.

مەريەم:

ھەزرىتى مەريەمنىڭ ئاتىسى ئىمران بەنى ئىسرائىل ئۆلىمالىرىدىن ئىدى، ئۆز ئايالى ھامىلىدار بولغان چاغدا تۇغۇلىدىغان بالىنى ئىبادەتخانىنىڭ خىزمىتىگە نەزىر قىلىپ بېرىۋەتكەن ئىدى. ھەزرىتى مەريەم تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئاللاھ تائالا ئىمراننىڭ نەزرىسىنى قوبۇل قىلىپ، ھەزرىتى مەريەمنى ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئىسا ئەلەيھىسسالامنى قوغلاندى شەيتاننىڭ شەررىدىن ساقلىدى. ھەزرىتى مەريەم كىچىك چېغىدىلا ئاتىسى ئىمران ۋاپات بولۇپ كەتتى، ھەزرىتى مەريەمنىڭ ئانىسى ئۇنى ئىبادەتخانىنىڭ خادىملىرىغا ئېلىپ باردى. ئۇلار ھەزرىتى مەريەمنى كىمنىڭ ئۆز تەربىيەسىگە ئېلىشى مەسىلىسىدە ئىختىلاپ قىلىشىپ قالدى. چەك تاشلاش نەتىجىسىدە، ئۇنى ئانىسىنىڭ ھەمشىرىسىنىڭ ئېرى زەكەرىيا ئەلەيھىسسالام تەربىيەسىگە ئالدى. ھەزرىتى مەريەم ئىبادەتخانىغا تۇتاش بىر ھۇجرىدا تۇراتتى، ئۇ كېچە-كۈندۈز ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولاتتى، ھەزرىتى مەريەم تەقۋادارلىقى ۋە گۈزەل ئەخلاقى بىلەن بەنى ئىسرائىل ئىچىدە مەشھۇر ئىدى، زەكەرىيا ئەلەيھىسسالام ھەزرىتى مەريەمنىڭ يېنىغا كىرگەندە، ئۇنىڭ يېنىدا بازاردا يوق يېمەكلىكلەرنى، ھەتتا يازدا قىشنىڭ مېۋىلىرىنى، قىشتا يازنىڭ مېۋىلىرىنى ئۇچرىتاتتى، ھەزرىتى مەريەم ئاللاھ تائالانىڭ ئىلتىپاتى بىلەن پاك ۋە ئىپپەتلىك ئۆستى، جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام بىر ئەر كىشىنىڭ سۈرىتىدە كېلىپ ھەزرىتى مەريەمنىڭ ئالدىغا كىردى، ھەزرىتى مەريەم ئۇنى يامانلىق قىلىدۇ دەپ ئويلاپ، ئاللاھقا سىغىنىپ ئاللاھتىن پاناھ تىلىدى. ھەزرىتى مەريەم جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنىڭغا بىر پاك ئوغۇل بىلەن خۇش خەۋەر بېرىش ئۈچۈن كەلگەن، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ ھەيران بولدى، جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ھەيران قالما، ئاللاھ ھەر  شەيئىگە قادىردۇر» دەپ چۈشەندۈردى. ھەزرىتى مەريەمنىڭ بوشىنىش ۋاقتى يەتكەن چاغدا ئۇنى تولغاق تۇتۇپ، ئۇ ئوغلى ئىسا ئەلەيھىسسالامنى تەۋەللۇت قىلدى.

مەسجىدى ئەقسا:

بەيتۇلمۇقەددەس مەسجىدى ئەقسا دەپ ئاتىلىدۇ. مەسجىدى ھەرەم بىلەن بەيتۇلمۇقەددەسنىڭ ئارىلىقى يىراق بولغانلىقى ئۈچۈن، مەسجىدى ئەقسا دېيىلگەن. مەسجىدى ئەقسا بىلەن مەككە مۇكەررەمەنىڭ ئارىلىقى ئەينى زاماندا 40 كۈنلۈك يول ئىدى. بۇ ئارىلىق 1230 كىلومېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ. مەسجىدى ئەقسا ئۆتكەنكى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىبادەتگاھى بولۇپ كەلگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كېچىدە مەسجىدى ھەرامدىن مەسجىدى ئەقساغا بېرىپ ئۇ يەردىن مىئراجغا چىقىپ قايتقان.

مۇسا:

مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاتىسى ئىمران بولۇپ، ئۇ يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرىسى لاۋىنىڭ نەسلىدىن ئىدى. مۇسا ئەلەيھىسسالام پىرئەۋن ۋەلىد ئىبن مۇسئەبنىڭ دەۋرىدە تۇغۇلغان. رىۋايەت قىلىنىشىچە، پىرئەۋن بىر چۈش كۆرۈپ، چۈشىدىن قاتتىق چۆچۈپ كەتكەن. ئۇ چۈشىدە بىر ئوت بەيتۇلمۇقەددەستىن مىسىرغا چىقىپ كېلىپ، مىسىرنىڭ قورۇ-جايلىرىنى شۇنداقلا مىسىرنىڭ يەرلىك ئاھالىسى بولغان قىبتىلارنى كۆيدۈرۈپ تاشلىغانلىقىنى، بۇ ئوت ئىسرائىل ئەۋلادىغا ھېچقانداق زىيان-زەخمەت يەتكۈزمىگەنلىكىنى كۆرگەن. پىرئەۋن كاھىنلارنى، سېھىرگەرلەرنى ۋە مۇنەججىملەرنى چاقىرتىپ كېلىپ ئۇلاردىن كۆرگەن چۈشىنىڭ تەبىرىنى سورايدۇ. ئۇلار: «بەنى ئىسرائىل ئىچىدىن بىر ئوغۇل بالا مەيدانغا كېلىدۇ، مىسىر ئاھالىسى ئۇنىڭ قولىدا ھالاك بولىدۇ، سېنىڭ تەختىڭمۇ شۇنىڭ قولىدا گۇمران بولىدۇ، ئۇ سېنى قەۋمىڭ بىلەن قوشۇپ يۇرتۇڭدىن ھەيدەپ چىقىرىدۇ، دىنىڭنى ئۆزگەرتىدۇ، ئۇ  سېنىڭ زامانىڭدا تۇغۇلىدۇ» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن زالىم پىرئەۋن ئىسرائىل ئەۋلادى ئىچىدە تۇغۇلىدىغان ئوغۇل بالىنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ، ئۇ تۇغۇت ئانىلىرىنى يىغىپ، ئۇلارغا ئىسرائىل ئەۋلادى ئىچىدە تۇغۇلغانلىكى ئوغۇل بالىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلاشنى جېكىلەيدۇ، ئىسرائىل ئەۋلادىغا نازارەتچىلەرنى قويىدۇ، تۇغۇت ئانىلىرى پىرئەۋننىڭ زۇلۇمىدىن قورقۇپ، يۇقىرىقى بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىدۇ. پىرئەۋن تۇغۇلغان قىزلارنى ھايات قالدۇرۇپ خىزمەتكە سېلىش ئۈچۈن ئۆلتۈرمەيتتى، پىرئەۋننىڭ ئەسكەرلىرى ئىسرائىل ئەۋلادى ئىچىدىكى ھامىلىدار ئاياللارنى تۇتۇۋېلىپ قىينايتتى، ئاياللار بالىلىرىنى چۈشۈرۈۋېتەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىل ئەۋلادى ئىچىدە ئەرلەر ئۆلۈپ تۈگىگىلى تۇرىدۇ، قىبتى خەلقىنىڭ كاتتىلىرى پىرئەۋننىڭ يېنىغا كىرىپ: «ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ ئەر كىشىلىرى ئۆلۈپ تۈگىگىلى تۇردى، ئۇلارنىڭ تۇغۇلغان ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلىغىلى تۇردۇڭ، ئېغىر ئىشلار  ئۆزىمىزگە قالىدىغان بولدى، خىزمىتىمىزنى قىلىشقا ئادەم تېپىلمايدىغان بولدى»  دەيدۇ. پىرئەۋن ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتمەسلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ تۇغۇلغان ئوغۇل بالىلىرىنى بىر يىل ئۆلتۈرۈپ، بىر يىل ئۆلتۈرمەسلىكنى بۇيرۇق قىلىدۇ، مۇسا ئەلەيھىسسالام بەنى ئىسرائىلدا تۇغۇلغان ئوغۇل بالىلارنىڭ ئۆلتۈرۈلىدىغان يىلىدا دۇنياغا كېلىدۇ، مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئانىسى مەخپىي ھالدا تۇغىدۇ، ئۇ پىرئەۋننىڭ ئادەملىرىدىن قورقۇپ، تۇغۇلغان بۇ بوۋاقنى ساندۇقتا پاختىنىڭ ئۈستىدە قويۇپ، ساندۇقنى قۇلۇپلاپ نىل دەرياسىغا تاشلايدۇ، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسىنى نىل دەرياسىنى بويلاپ ساندۇققا ئەگىشىپ مېڭىشقا بۇيرۇيدۇ. بۇ ئىشلار ئاللاھ تائالانىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسىنىڭ دىلىغا سېلىشى بىلەن بولۇۋاتاتتى. ساندۇق ئېقىپ پىرئەۋننىڭ قەسىرىنىڭ يېنىغا بارغاندا، ئۇنى پىرئەۋننىڭ دەريادا يۇيۇنۇۋاتقان ۋە سۇ ئېلىۋاتقان چۆرىلىرى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنىڭدا مال بار دەپ ئويلايدۇ-دە، ساندۇقنى ئاچماستىن شۇ پېتىچە ئۆزلىرىنىڭ خوجايىنى __ پىرئەۋننىڭ ئايالى ئاسىيەنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارىدۇ. ئاسىيە ساندۇقنى ئېچىپ، ئۇنىڭدا بىر بوۋاقنىڭ ياتقانلىقىنى كۆرىدۇ. ئاللاھ تائالا ئاسىيەنىڭ دىلىغا بوۋاقنىڭ مۇھەببىتىنى سالىدۇ، پىرئەۋن بوۋاقنى كۆرۈپ ئۆلتۈرمەكچى بولۇپ جاللاتلارنى چاقىرىدۇ، ئاسىيە ئۇنى ئۆلتۈرمەي بالىچىلاپ بېقىۋېلىشنى ئۆتۈنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالام ئاسىيەنىڭ بېقىۋېلىشىغا قالدۇرۇلىدۇ. ئاسىيە ئېمىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئىنىكئانا ئىزدەيدۇ. قانچىلىغان ئىنىكئانىلارنى تېپىپ كەلگەن بولسىمۇ، مۇسا ئۇلارنىڭ ئەمچىكىنى ئېغىزىغا ئالماي يىغلاۋېرىدۇ، ئاسىيە بوۋاقنىڭ ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، شەخسەن ئۆزى ئىنىكئانا ئىزدەپ چىقىدۇ. ئاسىيەنى نېرىدىن كۆرۈپ تۇرغان مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئىشەنچلىك بىر ئىنىكئانا بارلىقىنى ئېيتىدۇ. ئاسىيە بوۋاق شۇ ئىنىكئانىنىڭ ئەمچىكىنى ئەمسە، ئۇنى چوڭ ھۆرمەتكە ئىگە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنى ئېلىپ كېلىشنى بۇيرۇيدۇ. مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى كېلىپ ئۇنى ئېمىتكەندە، بوۋاق ئىشتىھا بىلەن ئېمىپ سۈتكە قانىدۇ. ئاسىيە بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشال بولۇپ ئىنىكئانىنىڭ سارايدا قېلىپ بوۋاقنى ئېمىتىپ بېرىشنى، ئۇنىڭغا تۈرلۈك ئىنئاملارنى بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ  ئانىسى ئۆز ئۆيىنى ۋە بالىلىرىنى تاشلاپ ئوردىغا كېلىپ بۇ بوۋاقنى ئېمىتىش ئەپسىز ئىكەنلىكىنى، ئاسىيە ئىشەنسە، بوۋاقنى ئۆز ئۆيىگە ئاپىرىپ ئۆز بالىسىدەك كۆيۈنۈپ ئېمىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئاسىيە بوۋاققا ناھايىتى ئامراق بولۇپ كەتكەنلىكتىن، بوۋاقنى پات-پات ئېلىپ كېلىپ كۆرسىتىپ كېتىش شەرتى ئاستىدا، ئۇنىڭ ئۆز ئۆيىگە ئېلىپ بېرىپ ئېمىتىپ بېرىشىگە ماقۇل بولىدۇ. مۇسا ئەلەيھىسسالام قايتۇرۇپ كېلىنگەندىن كېيىن پىرئەۋننىڭ ئائىلىسىدە ئۆسۈپ چوڭ بولىدۇ. مۇسا ئەلەيھىسسالام پىرئەۋننىڭ، بەنى ئىسرائىلغا قىلغان زۇلۇمى ۋە ئۆزىنىڭ بىر قىبتىنى سەۋەنلىك بىلەن ئۆلتۈرۈپ قويغانلىقى تۈپەيدىلىدىن، يۇرتى مىسىردىن ئايرىلىپ مەديەنگە كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئۇ مەديەنگە بارغاندىن كېيىن شۇئەيب ئەلەيھىسسالامغا ياللىنىپ ئۇنىڭ قويىنى باقىدۇ. شۇئەيب ئەلەيھىسسالام مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئۆزىنىڭ بىر قىزىنى نىكاھلاپ بېرىدۇ، مۇسا ئەلەيھىسسالام شۇئەيب ئەلەيھىسسالامنىڭ ئون يىل خىزمىتىنى قىلغاندىن كېيىن، يۇرتى مىسىرغا قايتماقچى بولۇپ، ئايالىنى ئېلىپ جەنۇب تەرەپكە قاراپ ئاتلىنىدۇ. ئۇ يولدىن  ئادىشىپ كېتىپ قەيەرگە مېڭىشنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالغان چاغدا، ئۇنىڭغا تۇر تېغى تەرەپتە بىر ئوت كۆرۈنىدۇ، مۇسا ئەلەيھىسسالام ئالدىراپ ئوت كۆرۈنگەن تەرەپكە بارغاندا، ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن: «ئى مۇسا! شۈبھىسىزكى، مەن ئاللاھتۇرمەن، مەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ماڭىلا ئىبادەت قىلغىن» دەپ نىدا قىلىنىدۇ. مانا بۇ مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ باشلىنىشى ئىدى، ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامنى پىرئەۋننىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنى بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا دەۋەت قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ دەۋىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، پەرۋەردىگارىدىن قېرىندىشى ھارۇننى ئۆزىگە ياردەمچى قىلىپ بېرىشنى سورايدۇ، چۈنكى ھارۇن پاساھەتلىك سۆزلەيتتى. ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ راستلىقىنى كۆرسىتىدىغان ئىككى خىل مۆجىزە ئاتا قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى ئۇنىڭ ھاسىسىنىڭ ئەجدىھاغا ئايلىنىدىغانلىقى، يەنە بىر قولىنىڭ ئاپئاق، نۇرلۇق بولۇپ كۆرۈنىدىغانلىقى ئىدى. مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۆز دەۋىتىنى قانات يايدۇرۇش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. لېكىن پىرئەۋن مۇسا ئەلەيھىسسالام كۆرسەتكەن چوڭ مۆجىزىلەرنى كۆرگەندىن كېيىنمۇ ئىمان ئېيتمايدۇ. پىرئەۋننىڭ يىغىپ كەلگەن سېھىرگەرلىرى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىسىنى كۆرگەندىن كېيىن دەرھال ئىمان ئېيتىدۇ، پىرئەۋننىڭ ئۇلارنىڭ پۇت-قوللىرىنى كېسىپ خورما دەرەخلىرىگە ئېسىپ ئۆلتۈرۈشتىن ئىبارەت جازاسىمۇ ئۇلارنى ئىمانىدىن ياندۇرالمايدۇ، پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ گۇرۇھى ئىماندىن باش تارتىپ بەنى ئىسرائىلغا بولغان زۇلۇمىنى كۈچەيتكەنلىكتىن، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى سۇ ئاپىتى، چېكەتكە ئاپىتى، پىت ئاپىتى، پاقا   ئاپىتىگە دۇچار قىلىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىگە بىرەر ئاپەت يۈزلەنگەندە، ئاللاھ تائالا بۇ ئاپەتنى كۆتۈرۈۋەتسە ئىمان ئېيتىدىغانلىقىنى ۋە مۆمىنلەرگە ئەزىيەت يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى ۋەدە قىلاتتى. ئاللاھ ئۇلاردىن ئازابنى كۆتۈرۈۋەتسە، ئۇلار لەۋزىدە تۇرماي كۇفرىدا يەنىلا ئەزۋەيلەيتتى. پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ گۇرۇھىغا مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنىڭ پايدىسى بولمىغانلىقتىن، ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا بەنى ئىسرائىلنى ئېلىپ مىسىردىن چىقىپ پەلەستىن زېمىنىغا كېتىشنى ۋەھيى قىلىدۇ. مۇسا ئەلەيھىسسالام كىچىك بالىلاردىن باشقا 600 مىڭ ئادەم بىلەن  كېچىسى ئاتلىنىدۇ. ئۇلار قىزىل دېڭىز يولى بىلەن ئىلدام ماڭىدۇ، پىرئەۋن بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن زور قوشۇن بىلەن قوغلاپ چىقىدۇ. بەزى رىۋايەتتە ئېيتىلىشىچە، ئۇنىڭ بىلەن بىللە چىققان لەشكەرلەرنىڭ سانى بىر مىليون 600 مىڭدىن ئارتۇق ئىكەن. پىرئەۋن ئۆز قوشۇنى بىلەن ئىككىنچى كۈنى كۈن چىقىش ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن يېتىشىۋالىدۇ. بۇ چاغدا بەنى ئىسرائىل قەۋمىگە قورقۇنچ چۈشىدۇ. ئۇلارنىڭ ئالدىدا دېڭىز، ئارقىسىدا دۈشمەن تۇراتتى. ئۇلار ھالاك بولىدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ يىغا-زارە قىلىشىدۇ، مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى خاتىرجەم قىلىپ قورقۇنچنى تۈگىتىدۇ. ئۇ ھاسىسىنى چىقىرىپ دېڭىزغا ئۇرغان ئىدى، ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتى بىلەن دېڭىز ئىككىگە بۆلۈنۈپ ئوتتۇرىسىدىن قۇرۇق يول پەيدا بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بەنى ئىسرائىل قەۋمى دېڭىزدىن ئامان-ئېسەن ئۆتۈپ كېتىدۇ، پىرئەۋن ئۆز قوشۇنى بىلەن بەنى ئىسرائىل قەۋمى ماڭغان يول بىلەن مېڭىۋاتقاندا دېڭىزنىڭ سۈيى قوشۇلۇپ، پىرئەۋن بىلەن ئۇنىڭ قوشۇنى پۈتۈنلەي غەرق بولىدۇ. بۇ چاغدا پىرئەۋن ئىمان ئېيتتىم دېگەن بولسىمۇ، جېنى تۇمشۇقىغا كەلگەندە ئېيتقان ئىمانىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ، ئاللاھ تائالا پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قوشۇنىنى ھالاك قىلىپ، بەنى ئىسرائىلنى خار-زەبۇنلۇقتىن قۇتقۇزغاندىن كېيىن، مۇسا ئەلەيھىسسالامنى قەۋمىنى ئېلىپ بەيتۇلمۇقەددەسكە بېرىشقا بۇيرۇيدۇ. ئۇلار يولدا كېتىۋېتىپ قاتتىق تەشنا بولۇپ، مۇسا ئەلەيھىسسالامغا تەشنالىقتىن شىكايەت قىلىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بويىچە مۇسا ئەلەيھىسسالام ھاسىسى بىلەن تاشنى ئۇرغاندا تاشتىن 12 بۇلاق ئېتىلىپ چىقىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا يەنە ھېچ جاپا چەكمەي كېلىدىغان رىزىق قىلىپ تەرەنجىبىن بىلەن بۆدۈنىنى چۈشۈرۈپ بېرىدۇ، مۇسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بويىچە، ئۇلارنى بەيتۇلمۇقەددەسكە كىرىپ، ئۇ يەردىن كەنئانلاردىن بولغان ۋە ھەيسانىلارنىڭ قالدۇقى بولغان جەبابىرلارنى ھەيدەپ چىقىرىشنى بۇيرۇيدۇ. ئۇلار قورقۇنچاقلىق قىلىپ جىھاد قىلىشتىن باش تارتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا ئۇلارنى سىنا چۆلىدە 40 يىل ئاداشتۇرۇپ جازالايدۇ، بۇ بىر ئەۋلاد 40 يىل جەريانىدا ئۆلۈپ تۈگىگەندىن كېيىن بەنى ئىسرائىلنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى يۇشە ئىبن نۇننىڭ يېتەكچىلىكىدە بەيتۇلمۇقەددەسكە كىرىدۇ، مۇسا ئەلەيھىسسالام ئەنە شۇ سىنا چۆلىدە 120 يېشىدا ۋاپات بولىدۇ.

مىكائىل:

مىكائىل ئاللاھنىڭ يېقىن، ئۇلۇغ پەرىشتىلىرىدىن بىرى، ئۇ مىكال دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

نەسر:

نەسر نۇھ ئەلەيھىسسالام قەۋمىنىڭ سەبەئ زېمىنىدىكى بىر بۇتنىڭ ئىسمى، كېيىنكى چاغلاردا بەزى ئەرەب قەبىلىلىرى بۇ بۇتنى ئۆزلىرىگە مەبۇد قىلىۋالغان.

نۇھ:

نۇھ ئەلەيھىسسالام لامەكنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ بىرىنچى بوۋىسى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى شىس ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسلىدىندۇر. ئادەم  ئەلەيھىسسالام بىلەن نۇھ ئەلەيھىسسالام ئارىلىقىدا مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەن. نۇھ ئەلەيھىسسالام قۇرئاندا 43 ئورۇندا تىلغا ئېلىنىدۇ. نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسەسى نۇرغۇن سۈرىلەردە تەپسىلىي بايان قىلىنغان، نۇھ ئەلەيھىسسالام بۇتپەرەس بىر قەۋمگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەن ئىدى. ئۇلار ۋەد، سۇۋائ، يەئۇق ۋە نەسر قاتارلىق بۇتلارغا چوقۇناتتى، نۇھ ئەلەيھىسسالام ئۇزاق مۇددەت  ئۇلارنى تەۋھىدكە دەۋەت قىلىپ، بۇتپەرەسلىكنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئاگاھلاندۇردى. ئۇلار نۇھ ئەلەيھىسسالام ۋەز-نەسىھەت قىلغانسېرى كۇفرىدا تېخىمۇ ئەزۋەيلىدى. نۇھ ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ئىچىدە 950 يىل تۇرۇپ، ئۇلارنى ھەق دىنغا دەۋەت قىلدى، ئۇلارنى بۇتپەرەسلىكنى تاشلاپ ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا كېچە-كۈندۈز ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن دەۋەت قىلاتتى. ئۇلار ئىمان ئېيتىشتىن باش تارتىپ، نۇھ ئەلەيھىسسالامغا تۈرلۈك ئازار-كۈلپەتلەرنى يەتكۈزەتتى. ھەتتا نۇھ ئەلەيھىسسالامنى قاتتىق ئۇرۇپ ھوشىدىن كەتكۈزۈپ، بۇ بۈگۈن ئۆلىدۇ، دەپ يولغا تاشلاپ قوياتتى. نۇھ ئەلەيھىسسالام بولسا: «ئى ئاللاھ! قەۋمىمگە مەغپىرەت قىلغىن، ئۇلار ئۇقمايدۇ» دەيتتى. ئۇ ئۇلارنىڭ ئەزىيەتلىرىگە سەۋر قىلىپ بەتدۇئا قىلمايتتى، «ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ نەسلىدىن مېنىڭ دەۋىتىمنى قوبۇل قىلىدىغان، ئىمان ئېيتىدىغان كىشىلەرنى چىقىرىشى مۇمكىن» دەيتتى. شۇنچە ئۇزاق مۇددەت ئىچىدە پەقەت ئازغىنە كىشى ئىمان ئېيتتى. ئىشەنچلىك رىۋايەتتە، ئىمان ئېيتقانلارنىڭ سانى 80 نەپەر كىشى ئىدى دەپ كۆرسىتىلىدۇ. ھەر ئەۋلاد ئۆز بالىلىرىغا بۇتقا چوقۇنۇشنى تاشلىماسلىقنى، نۇھ ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتماسلىقنى تەۋسىيە قىلاتتى. نۇھ ئەلەيھىسسالام ئۆز قەۋمىنىڭ ئىمان ئېيتىشىدىن ئۈمىدسىزلەنگەن چاغدا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا قەۋم ئىچىدە ئىمان ئېيتقانلاردىن باشقا يەنە ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىدىغانلارنىڭ يوقلۇقىنى ۋەھىي ئارقىلىق بىلدۈردى. بۇ چاغدا نۇھ ئەلەيھىسسالام ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ، قەۋمىنى ھالاك قىلىشنى تىلەپ دۇئا قىلدى. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ دۇئاسىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ توپان بالاسىدا ھالاك بولىدىغانلىقىنى ۋەھىي قىلدى. ئۇنى توپان بالاسى يۈز بەرگەندە چىقىۋېلىش ئۈچۈن كېمە ياساشقا، كېمە ياسىلىپ بولغاندىن كېيىن ئائىلىسىدىكىلەرنى، تەۋەلىرىنى كېمىگە سېلىشقا، ھەرخىل ھايۋاندىن ئەركەك-چىشى بولۇپ بىر جۈپتىن ئېلىۋېلىشقا بۇيرۇدى، ئاللاھ تائالانىڭ نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىنى ھالاك قىلىش بۇيرۇقى چۈشكەن چاغدا، ئاسماندىن يامغۇر قويۇلدى، زېمىننىڭ ھەممە يەرلىرىدىن سۇلار ئېتىلىپ چىقتى، پۈتۈن يەر يۈزىنى سۇ بېسىپ كەتتى. يەر يۈزىدە نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كېمىسىدىكىلەردىن باشقا بىرمۇ تىرىك جان قالماي ھەممىسى توپان بالاسىدا غەرق بولۇپ ھالاك بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن نۇھ ئەلەيھىسسالام ئىنسانلارنىڭ ئىككىنچى بوۋىسى دېيىلىدۇ، چۈنكى توپان بالاسىدىن كېيىنكى ئەھلى زېمىننىڭ ھەممىسى نۇھ ئەلەيھىسسالام بىلەن كېمىدە بىللە قالغانلارنىڭ نەسلىدىندۇر. نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلىمۇ ئىمان ئېيتمىغانلىقى ۋە ئاتىسى بىلەن بىللە كېمىگە چىقمىغانلىقى ئۈچۈن سۇدا غەرق بولۇپ ھالاك بولدى. نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ سام، ھام، ياپەس ۋە كەنئانلاردىن ئىبارەت تۆت ئوغلى بار ئىدى، توپان بالاسىدا ھالاك بولغىنى كەنئان. توپان بالاسىدا پۈتۈن ئەھلى زېمىن غەرق بولۇپ، يەر يۈزىدە كۇففارلاردىن بىرىمۇ قالمىغان چاغدا، ئاللاھ تائالا بۇلۇتقا يامغۇرنى توختىتىشقا، زېمىننى سۇنى يۇتۇشقا ۋە يەر يۈزىدىكى ھاياتنى نورمال ھالەتكە قايتىشقا بۇيرۇدى. كېمە ئىراقتىكى دەجلە دەرياسىنىڭ يېنىدىكى جۇدى ناملىق چوڭ تاغىنىڭ يېنىغا بېرىپ توختىدى، ئاللاھ تائالا نۇھ ئەلەيھىسسالام باشلىق كېمىدىكىلەرنى ئامان-ئېسەن كېمىدىن چۈشۈشكە بۇيرۇدى، ئۇلار كېمىدىن مۇھەررەمنىڭ ئونىدا يەنى ئاشۇرا كۈنى چۈشكەن ئىدى. نۇھ ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالاغا شۈكرى قىلىش يۈزىسىدىن شۇ كۈندە روزا تۇتتى. ئۆزى بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەرنىمۇ ئاشۇرا كۈنى روزا تۇتۇشقا بۇيرۇدى. شۇ كۈندە روزا تۇتۇش بەنى ئىسرائىل قەۋمىگە مىراس بولۇپ قالدى، ئىسلام دىنىدىمۇ ئاشۇرا كۈنى روزا تۇتۇش ئېتىراپ قىلىندى. ئابدۇللاھ ئىبن ئابباسنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە، نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋەلىرى بىلەن كېمىدە تۇرغان ۋاقتى 150 كۈن، نۇھ ئەلەيھىسسالام توپان بالاسىدىن بۇرۇن قەۋمى ئىچىدە 950 يىل ياشىغان، توپان بالاسىدىن كېيىنمۇ بىر مەزگىل ياشاپ ئاندىن ۋاپات بولغان.

ھارۇت ۋە مارۇت:

ھارۇت ۋە مارۇت ئىككى پەرىشتە بولۇپ، ئۇلار كۇفە زېمىنىدىكى بابىل شەھىرىگە كىشىلەرنى سىناش يۈزىسىدىن، سېھىر تەلىم بېرىش ئۈچۈن ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن. ئۇلار كىشىلەرگە سېھىر ئۆگىتىشتىن بۇرۇن: «سېھىر ئۆگىنىش ئاللاھ تائالانىڭ سىنىقىدۇر، ئۇنى زىيانلىق تەرەپكە ئىشلەتمە، ئۇنىڭ تۈپەيلىدىن كاپىر بولما، ئۇنى ئۆزىگە زىياندىن مۇداپىئە كۆرۈش مەقسىتىدە ئۆگەنگەن ئادەم نىجات تاپىدۇ، كىشىلەرگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئۆگەنگەن ئادەم ھالاك بولىدۇ» دەيتتى. مۇھەممەد ئەلى سابۇنى «سەفۋەتۇت تەفاسىر»دا مۇنداق دەيدۇ:  ئىككى پەرىشتىنىڭ كىشىلەرگە سېھىر ئۆگەتكەنلىكىنىڭ ھېكمىتى شۇكى، ئۇ  زامانلاردا سېھىرگەرلەر كۆپىيىپ كەتكەن، سېھىرنىڭ ئاجايىپ-غارايىپ شەكىللىرى ئىجاد قىلىنغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزلىرىنى پەيغەمبەر دەپ ئويلىغان بولۇشلىرى مۇمكىن. كىشىلەرنى سېھىر بىلەن مۆجىزىنىڭ پەرقىنى ئايرىۋالسۇن ۋە يالغان  پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلغانلارنىڭ پەيغەمبەر ئەمەس، سېھىرگەر ئىكەنلىكىنى تونۇۋالسۇن دەپ، كىشىلەرگە سېھىر ئۆگىتىش ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئىككى پەرىشتىنى ئەۋەتكەن.»

ھارۇن:

ھارۇن ئەلەيھىسسالام ئىمراننىڭ ئوغلى بولۇپ، نەسىبى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا تۇتىشىدۇ. ھارۇن ئەلەيھىسسالام مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلۇشىدىن ئۈچ يىل بۇرۇن تۇغۇلغان. ئۇ پىرئەۋن ئىسرائىل قەۋمىدىن تۇغۇلغان ئوغۇل بالىلارنى ئۆلتۈرمەيدىغان يىلى تۇغۇلغان ئىدى، ئاللاھ تائالا ئۇنى قېرىندىشى مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە بەنى ئىسرائىل قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتى. ھارۇن ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلى پاساھەتلىك ئىدى. ھارۇن ئەلەيھىسسالام مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىك دەۋىتىدە يېقىن ياردەمچىسى ئىدى. ئۇ ھەمىشە مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە ئىدى. مۇسا ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارى بىلەن سۆزلىشىش ئۈچۈن تۇر تېغىغا كەتكەن ۋە شەرىئەت دەستۇرى بولۇش ئۈچۈن تەۋراتنى ئېلىپ كېلىشنى قەۋمىگە ۋەدە قىلغان چاغدا، ئۆز ئورنىغا ھارۇن ئەلەيھىسسالامنى قويۇپ كەتكەن، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇر تېغىغا بېرىپ، قەۋمىدىن ئايرىلىپ تۇرغان ۋاقتى 40 كۈن ئىدى، بۇ جەرياندا بەنى ئىسرائىل قەۋمى چوڭ سىناققا دۇچ كەلدى، ئۇلار سامىرى ئالتۇندىن ۋە زىبۇزىننەتلەردىن ياسىغان موزايغا چوقۇندى. جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام پەرىشتىلەر بىلەن بىللە پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ جامائەسىنى غەرق قىلىش ئۈچۈن چۈشكەن چاغدا، سامىرى جىبرىئىلنىڭ ئېتىنىڭ ئىزىدىن بىر چاڭگال توپا ئېلىۋالغان ئىدى. بۇ توپىنى زىبۇزىننەتلەر بىلەن ياسالغان موزايغا چاچتى، شۇنىڭ بىلەن موزايدىن كالىنىڭ ئاۋازىدەك ئاۋاز چىقتى. بۇ گۇمراھ سامىرى: «مۇسا ئىزدەپ كەتكەن پەرۋەردىگارىڭلار مۇشۇ، مۇسا ئۇنىڭ ئورنىنى بىلەلمىگەن» دېدى. ھارۇن ئەلەيھىسسالام قەۋمىنى سامىرىنىڭ پىتنىسىدىن ئاگاھلاندۇردى، لېكىن ئۇلار ھارۇن ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزىگە باقماي، ئاللاھنى قويۇپ موزايغا چوقۇندى. مۇسا ئەلەيھىسسالام تۇر تېغىدىن  قايتىپ كېلىپ، قەۋمىنىڭ ئېزىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، قاتتىق غەزەپلەندى، ھارۇن ئەلەيھىسسالامغا قاتتىق كايىدى. ھارۇن ئەلەيھىسسالام بولغان ۋەقەنىڭ جەريانىنى سۆزلەپ بەردى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۆز سۆزىگە قۇلاق سالمىغانلىقىنى ئېيتتى. ھارۇن ئەلەيھىسسالام 122 يىل ئۆمۈر كۆرگەن، ئۇ مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن 11 ئاي بۇرۇن ۋاپات بولغان، ھارۇن ئەلەيھىسسالام بەنى ئىسرائىل قەۋمى پەلەستىن زېمىنىغا كىرىشتىن ئىلگىرى سىنا چۆلىدە ۋاپات بولغان.

ھامان:

ھامان بولسا پىرئەۋننىڭ باش ۋەزىرى ۋە يېقىن ياردەمچىلىرىدىن ئىدى، پىرئەۋن ئۇنىڭغا: «خىشتىن بىر ئېگىز بىنا سالدۇرغىن، ئۇنى ئاسمانغا چىقىشنىڭ شوتىسى قىلىپ مۇسانىڭ ئىلاھىنى كۆرەي» دېگەن. پىرئەۋننىڭ يامان ئىشى پىرئەۋننىڭ ئۆزىگە چىرايلىق كۆرسىتىلگەن، پىرئەۋننىڭ ھىيلە-مىكرى بەربات بولغان.

ھەۋارىيۇن:

ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ سادىق شاگىرتلىرى، ئىسا ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتىنى داۋاملاشتۇرغان ياردەمچىلىرى ھەۋارىيۇن دېيىلىدۇ. ھەۋارىيۇنلار ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ : بىرىنچى تۈردىكىلەر بېلىقچىلار بولۇپ، ئۇلار داۋاملىق ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆھبىتىدە بولۇپ، ئىسا ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە ياشىغان ۋە جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولغانلار؛ ئىككىنچى تۈردىكىلەر دەسلىپىدە ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىدىن گۇمانلانغان، ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن گۇمانى كۆتۈرۈلۈپ ھەقىقىي ئىمان ئېيتقانلار؛ ئۈچىنچى تۈردىكىلەر تەۋراتنىڭ مەزمۇنىنى ئىزاھلاش جەھەتتە مۇتەسسىپ يەھۇدىيلاردىن بولۇپ، دەسلىپىدە ئىسا ئەلەيھىسسالامغا دۈشمەنلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلەشكەن، ئاخىرى ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ ئىمان ئېيتقانلار.

ھۇد:

ھۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسىبى نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى سامغا تۇتىشىدۇ، ھۇد ئەلەيھىسسالام قۇرئاندا يەتتە يەردە تىلغا ئېلىنىدۇ، قۇرئاندا مەخسۇس بىر سۈرە ھۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان. ئاللاھ تائالا ئۇنى ئاد قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن. ئاد قەۋمى ئەمالىقەلەردىن بولۇپ، چوڭ بىر قەبىلە ئىدى. ئۇ ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىدىكى ھەزررمەۋتنىڭ شىمالىدىكى ئەھقاپ دېگەن جايغا جايلاشقان. ئومان ئۇنىڭ شەرقىگە توغرا كېلىدۇ، بۇ كۈنلەردە ئۇلارنىڭ جايى قۇملۇق، چۆل بولۇپ، بۇ يەردە ئادەمزات ياشىمايدۇ. ھۇد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولۇپ كەلگەن ئاد دەسلەپكى ئادمۇ دېيىلىدۇ، ئادى ئىرەممۇ دېيىلىدۇ. ئاد قەبىلىسى كۈچلۈك خەلق بولۇپ، ئاللاھ ئۇلارنى جەسامەتلىك ياراتقان، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى باياشات بولۇپ، ئۇلار چوڭ ھەشەمەتلىك سارايلارنى قۇرغان ۋە قەلئەلەرنى سالغان، ئۇلارنىڭ باغۇ بوستانلىرى، ئېقىپ تۇرغان بۇلاقلىرى بار ئىدى. ئۇلار نازۇ-نېمەتكە چۆمۈپ ئۆزلىرىنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىگە مەغرۇرلىنىپ كېتىپ توغرا يولدىن ئازغان ئىدى، ئۇلار خۇددى ئىلگىرى ئۆتكەن نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىگە ئوخشاش بۇتپەرەس ئىدى. ھۇد ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى يالغۇز ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا، كىشىلەرگە زۇلۇم قىلماسلىققا دەۋەت قىلدى، لېكىن ئۇلار ئىمان ئېيتىشتىن باش تارتىپ، ھۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىنكار قىلدى، ئۇلار ھۇد ئەلەيھىسسالامغا ئازار- كۈلپەت يەتكۈزەتتى. ھەتتا ئۇنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرغان ئىدى. ھۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسى بويىچە، ئاللاھ ئۇلارنى قەھەتچىلىككە دۇچار قىلدى. ئۇلارنىڭ زېمىنىدا ئۈچ يىل يامغۇر ياغمىدى، قۇرغاقچىلىق تېخىمۇ كۈچەيدى. ئۇلارنىڭ زىرائەت ۋە ھايۋاناتلىرى ھالاك بولدى. ئاللاھ تائالا ئۇلارغا يەتتە كېچە-كۈندۈز توختىماي چىققان قاتتىق بوراننى ئاپىرىدە قىلىپ، ئۇلارنى پۈتۈنلەي ھالاك قىلىپ تاشلىدى. ھۇد ئەلەيھىسسالام ئاد قەبىلىسى ھالاك بولغاندىن كېيىن تاكى ئۆزى ۋاپات بولغانغا قەدەر ھەزرمەۋت زېمىنىدا تۇردى، ۋاپاتىدىن كېيىن ھەزرمەۋتنىڭ شەرق تەرىپىگە دەپنە قىلىندى.

ھۇنەين:

ھۈنەين مەككە بىلەن تائىف ئارىسىدىكى بىر ۋادى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىنى پەتھى قىلغان چاغدا، ھەۋازىن بىلەن سەقىف بۇنى ئاڭلاپ، رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆزلىرىگە ھۇجۇم قىلىشىدىن قورقۇپ، مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇش ئېچىش ئۈچۈن نۇرغۇن لەشكەر توپلايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، مۇھاجىرلاردىن  ۋە ئەنسارلاردىن بولۇپ ئون مىڭ كىشى بىلەن ئاتلىنىدۇ. دۈشمەن لەشكىرى مەزكۇر ۋادىدا مۇسۇلمانلارغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلغانلىقتىن، مۇسۇلمانلار قوشۇنىنىڭ سېپى بۇزۇلۇپ پاتىپاراق بولۇپ كېتىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلار قوشۇنىنى قايتا سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ، دۈشمەننى مەغلۇپ قىلىدۇ، مانا بۇ ئۇرۇش «ھۈنەين غازىتى» دەپ ئاتىلىدۇ.

ئۇزەير:

ئۇزەير يەھۇدىي ئۆلىمالىرىدىن بىرى بولۇپ، قۇرئاندا بۇنىڭ قىسسەسى بايان قىلىنغان. بۇختىنەسەر بەيتۇلمۇقەددەسنى خاراب قىلغاندىن كېيىن، ئۇزەير ئۇنىڭ يېنىدىن ئېشەكلىك ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ: ئاللاھ بەيتۇلمۇقەددەس ئاھالىسىنى  قانداقمۇ تىرىلدۈرەر؟ دېگەن، ئاللاھ ئۇزەيرنى قەبزى روھ قىلىپ 100 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنى قايتا تىرىلدۈرگەن. ئۇزەير قەۋمىگە قايتىپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئۇزەير ئىكەنلىكىنى ئېيتقاندا، ئۇلار: «سەن راستتىنلا ئۇزەير بولىدىغان بولساڭ، بىزگە تەۋراتتىن ھىپزى قىلغانلىرىڭنى ئوقۇپ بەر» دېگەن. ئۇزەير ئۇلارغا تەۋراتنى بىر ئايەتمۇ قويماي ئوقۇپ بەرگەن. تەۋرات كۆيدۈرۈپ تاشلانغاندىن كېيىن، تەۋراتنى ياد بىلىدىغان ئادەم يوق ئىدى. ئاندىن كېيىن قەۋمى ئۇزەيرگە ئىشەنگەن. لېكىن ئۇلار   ئۆزلىرىنىڭ شەقىلىقىدىن خۇددى ناسارالار ئىسانى ئاللاھنىڭ ئوغلى دەۋالغاندەك ئۇزەيرنىمۇ ئاللاھنىڭ ئوغلى دەپ دەۋا قىلىشقان.

ئىبراھىم:

ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بابىل زېمىنىدا تۇغۇلغان، ئۇ نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى سامنىڭ نەسلىدىن ئىدى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئارىسىدا مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەن، بابىللىقلار يۇلتۇزلارغا ۋە بۇتلارغا چوقۇناتتى، ئۇلار پادىشاھى نەمرۇد ئىبن كەنئاننى ئىلاھ دەپ ئېتىقاد قىلاتتى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاتىسى ئازەر قەۋمى چوقۇنىدىغان بۇتلارنى ياسايتتى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ساغلام ئەقىدە ئاساسىدا ئۆستى، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ھىدايەت ئاتا قىلغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇتلارنى ئۆچ كۆردى. قەۋمىنى بۇتلارغا چوقۇنماسلىققا، بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا دەۋەت قىلدى، لېكىن قەۋمى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلىشتىن باش تارتتى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام قەۋمىنىڭ بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن سىرتقا چىقىپ كەتكەنلىكىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنىڭ بۇتلىرىنى چېقىپ تاشلىدى. نەمرۇد ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى ئوتقا تاشلاپ كۆيدۈرۈشكە بۇيرۇدى، ئاللاھ تائالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوتنىڭ ئىچىدە ئامان-ئېسەن ساقلىدى. بۇ چاغدا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئايالى سارە بىلەن شامغا، ئاندىن مىسىرغا ھىجرەت قىلدى. مىسىرنىڭ پادىشاھى سارەنى قولغا چۈشۈرۈشنى قەستلىگەن بولسىمۇ، ئاللاھ سارەنى پادىشاھىنىڭ شەررىدىن ساقلىدى، پادىشاھ سارەگە سارەنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ئۈچۈن ھاجەرنى بەردى، ئاندىن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام سارە بىلەن پەلەستىنگە بېرىپ تۇردى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ياشىنىپ قالغان ئايالى سارەدىن بالا يۈزى كۆرمىگەن چاغدا، سارە ئۇنىڭغا خىزمەتچىسى ھاجەرنى ئېلىپ بەردى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام ھاجەردىن تۇغۇلغان. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام بىلەن ھاجەرنى ئېلىپ مەككىگە باردى، بۇ چاغدا مەككە قاقاس چۆل بولۇپ، ئادەمزات ياشىمايتتى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئانا-بالا ئىككىسىنى بۇ يەردە قويۇپ، ئۆزى پەلەستىنگە قايتىپ كەتتى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ئوزۇقى ئۈچۈن بىر خالتا خورما بىلەن بىر تۇلۇم سۇ قويۇپ كەتكەن ئىدى. سۇ تۈگەپ كېتىپ ھاجەر بىلەن ئىسمائىل قاتتىق تەشنا بولدى. ھاجەر سۇ ئىزدەپ يېقىن ئەتراپتىكى تاغلاردىن سەفا تېغىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ۋادىغا قاراپ ئادەمزاتنى كۆرمىدى، ئاندىن مەرۋە تېغىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، ئۇ يەردىمۇ ئادەمزاتنى كۆرمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ سەفا بىلەن مەرۋە ئارىسىدا يەتتە قېتىم ماڭدى، شۇ چاغدا جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام كېلىپ تاپىنى بىلەن (قانىتى بىلەن دېگەن رىۋايەتمۇ بار) يەرنى تېپىۋىدى، زەمزەم سۈيى ئېتىلىپ چىقتى. بۇ چاغدا قۇشلار كېلىپ ئۇلارنىڭ ئەتراپىنى ئايلىنىشقا باشلىدى، بۇ يەردىن ئۆتكەن جۇرھۇم قەبىلىسى قۇشلارنى كۆرۈپ، بۇنىڭدىن بۇ يەردە سۇ بارلىقىنى بىلىپ زەمزەمنىڭ يېنىغا كېلىشتى، ئۇلار ھاجەردىن چېدىرلىرىنى زەمزەمگە يېقىنراق جايغا تىكىشكە ئىجازەت سورىدى، ھاجەر ئۇلارغا ئىجازەت بەردى. ئۇلار ئۇ يەرگە يەرلەشكەنلىكى ئۈچۈن ھاجەرمۇ يالغۇزلۇق ھېس قىلمايدىغان بولدى. شۇنىڭدىن تارتىپ بۇ يەر ئاۋاتلىشىشقا باشلىدى. ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام چوڭ بولۇپ، جۇرھۇم قەبىلىسىدىن ئۆيلەندى. ئۇلاردىن ئەرەبچىنى ئۆگەندى، ھاجەر ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام پەلەستىندىكى چاغدا ۋاپات بولدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى يوقلاپ مەككىگە كەلگەندىن كېيىن، ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بويىچە، ئوغلى ئىسمائىل بىلەن كەئبىنى بىنا قىلىشقا كىرىشتى. ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام تاش ئەكېلىپ بېرەتتى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۇلىنى قوياتتى، شۇنداق قىلىپ ئۇلار كەئبىنى ياساپ پۈتتۈردى. شۇنىڭدىن باشلاپ مەككە مۇكەررەمە ئاۋات بولدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ناھايىتى مېھماندوست ئىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ مېھمانلارنىڭ ئاتىسى دېگەن نامغا ئىگە بولغان ئىدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام قېرىپ قالغان، ئايالى سارە بولسا ياشىنىپ تۇغۇتتىن قېلىپ قالغان چاغدا، ئاللاھ ئۇلارغا مەرھەمەت قىلىپ ئىسھاق ئەلەيھىسسالامنى بەردى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام خەلىلۇللا (يەنى ئاللاھنىڭ دوستى) دېيىلىدۇ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسلىدىن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر كەلگەنلىكتىن، ئۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ بوۋىسى دېيىلىدۇ. ئاللاھ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا «سۇھۇف» دەپ ئاتالغان كىتابنى نازىل قىلغان. ئىشەنچلىك رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام 175 يىل ئۆمۈر كۆرگەن.

ئىسا:

ئىسا ئەلەيھىسسالام ھەزرىتى مەريەمنىڭ ئوغلى بولۇپ، بەنى ئىسرائىل پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئاخىرىقىسى ئىدى. ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ لەقىبى مەسىھدۇر، مەسىھ ئىبرانىيچە سۆز بولۇپ، مۇبارەك مەنىسىدە، ئىسا ئەلەيھىسسالام ئىنجىلدا يەسۇئ دېيىلىدۇ. ئىسا ئەلەيھىسسالام قۇرئان كەرىمدە 25 جايدا ئىسا سۆزى بىلەن، 11 جايدا مەسىھ سۆزى بىلەن ۋە 23 جايدا ئىبن مەريەم سۆزى بىلەن تىلغا ئېلىنىدۇ. ئىسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە رەسۇلى بولۇپ، ئاللاھ تەرىپىدىن ھەزرىتى مەريەمگە ئىلقا قىلىنغان روھتۇر، ئىسا ئەلەيھىسسالام قەيسەر ئوغۇستۇسنىڭ زامانىدا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلۇشىدىن 600 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بورۇن، 24 - دېكابىر سەيشەنبە كۈنى دۇنياغا كەلگەن، ئىسا ئەلەيھىسسالام تۇغۇلۇپ سەككىز كۈنلۈك بولغان چاغدا ئانىسى مەريەم ئىبادەتخانىغا ئېلىپ بېرىپ ئۇنىڭ خەتنىسىنى قىلدۇرغان. خەتنە قىلدۇرۇش پەيغەمبەرلەرنىڭ سۈننىتى بولۇپ،  ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاقتىدىن تارتىپ بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ شەرىئىتىدە يولغا قويۇلۇپ كەلگەن. ئىسا ئەلەيھىسسالام ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىنى ناسىرە شەھىرىدە ئۆتكۈزگەن، ئاللاھ ئىسا ئەلەيھىسسالامغا تەۋرات، ئىنجىل ۋە ھېكمەتنى بىلدۈرگەن. ئىسا ئەلەيھىسسالام كىچىك ۋاقتىدىلا يەھۇدىي ئۆلىمالىرىنىڭ ئىلمىي سورۇنلىرىغا باراتتى، ئۇلار بىلەن مۇنازىرىلەشتى، مۇنازىرىدە غالىب كېلەتتى. ھەزرىتى مەريەم ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆلتۈرمەكچى بولغان زالىم ھۆكۈمران ھىردوستىن قورقۇپ، يېقىنى يۇسۇف نەجار بىلەن بىللە ئىسا ئەلەيھىسسالامنى مىسىرغا ئېلىپ بارغان،  ھىردوس ئۆلگەندىن كېيىن، ئىسا ئەلەيھىسسالام ئۆز يۇرتىغا قايتقان. قۇرئان كەرىمدە ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قانچە يېشىدا پەيغەمبەر بولغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان، لېكىن ئىنجىل نۇسخىلىرىنىڭ ئىبارىلىرىدىن ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ 30 يېشىدا  پەيغەمبەر بولغانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ، تارىخچىلار ۋە مۇپەسسىرلەر ئىنجىلنىڭ بۇ توغرىدىكى بايانىنى مۇقىملاشتۇرىدۇ، تەۋھىد ئۆلىمالىرىنىڭ ئېيتىشىچە، كۆپىنچە پەيغەمبەرلەر 40 يېشىدا پەيغەمبەر بولىدۇ، ئەمما ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ 30 يېشىدا پەيغەمبەر بولۇشى ئالاھىدە ئەھۋال. چۈنكى ئۇ 40 ياشقا يەتمەي تۇرۇپ ئاللاھ تەرىپىدىن ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كېتىلگەن. ئاللاھ تائالا ئىسا ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەندىن كېيىن، ئۇ كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ توغرا دىنىغا دەۋەت قىلىشقا باشلىدى. ئاللاھ تائالا كىشىلەرنى ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە قايىل قىلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا نۇرغۇن مۆجىزىلەرنى مۇيەسسەر قىلىپ بەردى. ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈش، كورلارنى كۆرىدىغان قىلىش، كېسەللەرنى ساقايتىش ئەنە شۇ مۆجىزىلەردىن ئىدى. ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتى يەھۇدىيلارنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىدى، ئىسا ئەلەيھىسسالام يەھۇدىيلارنىڭ دىنىي باشلىقلىرى بىلەن مۇنازىرىلىشىپ ئۇلارنىڭ ئاساسسىز سۆزلىرىگە كۈچلۈك دەلىللەر بىلەن رەددىيە بېرەتتى، ئۇلارنى توغرا دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا ئۈندەيتتى، ئۇلارنىڭ يولىنىڭ بۇزۇقلۇقىنى بايان قىلاتتى. يەھۇدىيلارنىڭ باشلىقلىرى ۋە ئۆلىمالىرى مەسلىھەتلىشىپ ئىسا ئەلەيھىسسالامدىن قۇتۇلۇش قارارىغا كەلدى، ئۇلار ئەينى زاماندا پادىشاھ قەيسەر تەرىپىدىن يەھۇدىيلارغا قويۇلغان ھاكىم بىلاتىنى ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرۈشكە كۈشكۈرتتى، يەھۇدىيلارنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلارنى ئېسىپ ئۆلتۈرۈشتەك ئەينى ۋاقىتلاردىكى قائىدىسى بويىچە، ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئېسىپ ئۆلتۈرمەكچى بولۇشتى، ئىسا ئەلەيھىسسالام بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ، يوشۇرۇنۇۋالدى، ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەۋارىيۇنلاردىن بولغان يەھۇزا ئىسىملىك شاگىرتى خائىنلىق قىلىپ، ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ يوشۇرۇنغان جايىنى ھاكىمنىڭ ئادەملىرىگە ئېيتىپ قويدى. ئۇلار ئىسا ئەلەيھىسسالام بار جايغا كىرگەن چاغدا، ئاللاھ تائالا يەھۇزانىڭ شەكلىنى ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈرىتىگە كىرگۈزدى-دە، ئۇلار يەھۇزانى ئىسا ئەلەيھىسسالام دەپ ئېسىپ ئۆلتۈرىدۇ. ئاللاھ تائالا ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كەتتى. بۇ چاغدا ئىسا ئەلەيھىسسالام 33 ياشتا ئىدى. ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر بولۇپ بەنى ئىسرائىلنى دىنغا دەۋەت قىلغان مۇددىتى ئۈچ يىل بولدى. ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ شاگىرتلىرى بار بولۇپ، ئۇلار ھەۋارىيۇن دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلار ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ياردەمچىلىرى بولۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىگە ئوخشايدۇ، ھەۋارىيۇنلارنىڭ سانى 12 ئىدى. ئاللاھ تائالا ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئىنجىلنى نازىل قىلغان، ئىنجىل دېگەن سۆز ئىبرانىيچە سۆز بولۇپ، بېشارەت مەنىسىدە. كۆپچىلىك ئىسلام ئۆلىمالىرى قۇرئان كەرىمنىڭ ۋە سەھىھ ھەدىسنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن، ئىسا ئەلەيھىسسالامنى قىيامەت قايىم بولۇشنىڭ ئالدىدا ئاسماندىن چۈشۈپ، دەۋىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ،  ئىسلام شەرىئىتى بويىچە ھۆكۈم چىقىرىدۇ، دەپ قارايدۇ. مەككە مۇكەررەمە شەرىئەت ۋە ئىسلام تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، «سەفۋەتۇت تەفاسىر» نىڭ  مۇئەللىپى مۇھەممەد ئەلى سابۇنى ئۆزىنىڭ «ئەننۇبۇۋەتۇ ۋەلئەنبىيا» دېگەن  ئەسىرىدە بۇ مەسىلە ئۈستىدە توختىلىپ: «ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەزىپىسى تېخى تۈگىگىنى يوق. ئىسا ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى تولۇق ئادا قىلىش ۋە دەۋىتىنى تەبلىغ قىلىش ئۈچۈن زېمىنغا چۈشىدۇ، ئۇ ھازىر ئاسماندا ھايات، ئاللاھ تائالا ئۇنى ھايات ھالدا ئۆز دەرگاھىغا ئېلىپ چىقىپ كەتكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئەھۋالنى مۇشۇ يوسۇندا يەتكۈزگەن. بىز قۇرئاننىڭ بەرگەن خەۋىرىگە ۋە راستچىل رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسىگە ئىشىنىمىز، رەسۇلۇللاھ: «سىلەرگە مەريەمنىڭ ئوغلى ئىسا چۈشۈپ ئادىل ھۆكۈمران بولۇپ سەلىبنى چېقىپ تاشلايدۇ، چوشقىلارنى ئۆلتۈرىدۇ، جىزيەنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، دېگەن» دەيدۇ.

ئىسرائىل:

ئىسرائىل ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى ئىسھاق    ئەلەيھىسسالامدىن بولغان نەۋرىسى، يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ لەقىبى. ئىسرائىلنىڭ مەنىسى ئاللاھنىڭ بەندىسى دېگەن بولىدۇ. بەنى ئىسرائىل يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادىدۇر. بۇ سۆز ئومۇمەن مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى بولغان يەھۇدىيلارنى كۆرسىتىدۇ.

ئىسمائىل:

ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ چوڭ ئوغلى بولۇپ، ئۇنىڭ ئانىسى ھاجەر ئىدى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئوغلى ئىسمائىل بىلەن ئايالى ھاجەرنى مەككىگە ئېلىپ باردى. ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام مەككىدە ياشىدى، مەككىدە چوڭ بولدى، مەككە ئەھلىدىن ئۆيلۈك بولدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۇنى پات-پات يوقلاپ تۇراتتى، بىر قېتىم ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھ قۇربانلىق قىلىشقا بۇيرۇپ چۈش كۆردى. پەيغەمبەرلەرنىڭ چۈشى راست كېلىدۇ. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام  ئاللاھنىڭ ئەمرىنى ئورۇنلاشقا تەييارلىنىپ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنى قۇربانلىق قىلماقچى بولۇپ تۇرغاندا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئورنىغا بىر قوچقارنى كەلتۈرۈپ بەردى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام قېرىپ قالغىنىدا بىردىنبىر يالغۇز ئوغلى بولغان ئىسمائىلنى قۇربانلىق قىلىشتىن ئىبارەت ئاللاھنىڭ ئەمرىنى بەجا كەلتۈردى. ھەر يىلى قۇربانلىق قىلىش مانا مۇشۇنىڭدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، بۇ بىزگە ھەر يىلى ھەج مەۋسۇمىدە بۇ دىنىي تارىخىي ۋەقەلىكنى ئەسلىتىدۇ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئوغلى ئىسمائىلنى بىر قېتىم يوقلاپ كەلگەندە ئاللاھ ئۇنى كەئبىنى بىنا قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام بەيتۇللاھنىڭ ئاساسىنى تۇرغۇزىدۇ، بەيتۇللاھنىڭ ئىچىگە ھەجەرى ئەسۋەدنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بەيتۇللاھ ئىنسانلارنىڭ تاۋاپگاھىغا ئايلىنىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەنە شۇ ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسلىدىندۇر.

ئىسھاق:

ئىسھاق ئەلەيھىسسالام ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككىنچى ئوغلى بولۇپ، ئۇنىڭ تۆرىلىدىغانلىقىدىن پەرىشتىلەر ئالدىن خۇش خەۋەر بەرگەن. ئىسھاق ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى سارە ئىدى، ئىسھاق ئەلەيھىسسالام دۇنياغا كەلگەن چاغدا، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام 100 ياشتا ئىدى، بەنى ئىسرائىلنىڭ پەيغەمبەرلىرى ئەنە شۇ ئىسھاق ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسلىدىندۇر، ئىسھاق ئەلەيھىسسالام شام ۋە پەلەستىن زېمىنلىرىدا ياشىغان كەنئانلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەن. ئىسھاق ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسۇ ۋە يەئقۇب ئەلەيھىسسالامدىن ئىبارەت ئىككى ئوغلى بار ئىدى، يەئقۇب ئەلەيھىسسالام ئىسرائىل ئاتىلىدىغان بولۇپ،  يەھۇدىيلار يەئقۇب ئەلەيھىسسالامغا نىسبەت بېرىلىدۇ، ئىسھاق ئەلەيھىسسالام 180 يېشىدا كەنئانلار زېمىنىدا ۋاپات بولغان. ئۇ خېلىلغا __ ئاتىسى ئىبراھىم دەپنە قىلىنغان غارغا دەپنە قىلىنغان.

ئىليەسەئ:

ئىليەسەئ ئەلەيھىسسالام قۇرئان كەرىمدە ئىليەسەئنىڭ ھاياتى توغرىلىق ھېچ نەرسە دېيىلمىگەن، ئۇنى ئىسمى پەقەت پەيغەمبەرلەر قاتارىدا سانالغان. ئىليەسەئ ئەلەيھىسسالام ئىلياس ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئىلياس ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئىتى بويىچە دىنغا دەۋەت قىلىشقا باشلىغان، بەزى تارىخچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئىليەسەئ ئەلەيھىسسالام سۇرىيە شەھەرلىرىدىن بولغان بانياس شەھىرىدە پەيغەمبەرلىك دەۋىتىنى ئېلىپ بارغان.

ئىمران:

ئىمران ھەزرىتى مەريەمنىڭ ئاتىسى بولۇپ، بەنى ئىسرائىل ئۆلىمالىرى ئارىسىدا كاتتا زات ئىدى، ئايالى ھامىلىدار بولغاندا، ئايالىنىڭ قورسىقىدىكى پەرزەنتىنى دۇنيا ئىشلىرىدىن ئازاد قىلغان ھالدا ئىبادەتخانىنىڭ خىزمىتىگە ئاتىدى. ھەزرىتى مەريەم نارەسىدە ۋاقتىدا ئىمران ۋاپات بولۇپ كەتتى. ھەزرىتى مەريەمنىڭ ئانىسىنىڭ ھەمشىرىسىنىڭ ئېرى زەكەرىيا ئەلەيھىسسالام ھەزرىتى مەريەمنى ئۆز تەربىيەسىگە ئالدى.

يەسرىب:

يەسرىب پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھىجرەت قىلىشتىن بۇرۇنقى مەدىنە مۇنەۋۋەرەنىڭ نامى ئىدى. ئۇ كەڭ تۈزلەڭلىككە جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 620 مېتىر ئېگىز، مەدىنە مۇنەۋۋەرنى شەرق ۋە غەرب تەرىپىدىن ئىككى قارا تاشلىق ساي ئوراپ تۇرىدۇ، مەدىنە مۇنەۋۋەرنىڭ ئەتراپىدا خورمىزارلىقلار كۆپ.

يەئۇق:

يەئۇق نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى چوقۇنغان بىر بۇتنىڭ نامى.

يەئقۇب:

يەئقۇب ئەلەيھىسسالام ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى ئىسھاق  ئەلەيھىسسالامدىن بولغان نەۋرىسىدۇر. تەۋراتتا يەئقۇب ئەلەيھىسسالام ئىسرائىل دەپ ئاتالغان، بۇ ئىبرانىيچە سۆز بولۇپ، ئاللاھنىڭ بەندىسى دېگەن بولىدۇ، تارىخچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، يەئقۇب ئەلەيھىسسالام پەلەستىندە تۇغۇلغان، ئاتىسى ئىسھاق ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئۆسۈپ چوڭ بولغان. ئاللاھ تائالا ئىسھاق  ئەلەيھىسسالامنى مۇقەددەس زېمىندا پەيغەمبەر بولۇشقا تاللىغان ئىدى. ئىسھاق ئەلەيھىسسالام بۇ يەردە 80 يىل تۇردى، ئۇ ياشىنىپ قالغان چاغدا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا قوشكېزەك ئىككى ئوغۇل بەردى. ئۇلارنىڭ بىرى ئىسۇ، بىرى يەئقۇب ئىدى. ئىسھاق ئەلەيھىسسالام ئوغلى يەئقۇبقا بەرىكەتلىك دۇئا قىلدى. ئىسۇ بۇنىڭدىن نارازى بولۇپ، يەئقۇب ئەلەيھىسسالامغا يامانلىق قىلىشنى ئويلىدى. يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى ئىسۇنىڭ سۇيىقەست قىلىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ، يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنى تاغىسىنىڭ يېنىغا بېرىپ تۇرۇشقا بۇيرۇدى، ئۇ تاغىسىنىڭ يېنىغا كېتىپ بېرىپ كەچتە بىر يەردە ئۇخلاپ قالدى. ئۇ چۈشىدە پەرىشتىلەرنىڭ ئاسمانغا چىقىپ چۈشۈۋاتقانلىقىنى ھەمدە ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭغا خىتاب قىلىپ: «مەن ساڭا بەرىكەت ئاتا قىلىمەن، نەسلىڭنى كۆپەيتىمەن، بۇ زېمىننى ساڭا ۋە سەندىن كېيىنكى ئەۋلادلىرىڭغا بېرىمەن» دەپ ئېيتقانلىقىنى كۆردى. ئۇ ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىپ كۆرگەن چۈشىدىن خۇشاللاندى. مۇشۇ خۇشاللىنارلىق چۈشنى كۆرگەندىن كېيىن  ئاللاھ تائالا ئۈچۈن بىر ئىبادەتخانا سېلىشنى ئۈستىگە ئالدى. بۇ يەرگە بەلگە ئۈچۈن بىر تاشقا ماي سۈركەپ قويدى. بۇ جاي (بەيتئىل) يەنى بەيتۇللاھ دەپ ئاتالدى. مانا كېيىن يەئقۇب ئەلەيھىسسالام بىنا قىلغان بەيتۇلمۇقەددەستۇر. يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ 12 بالىسى بار ئىدى، كېيىن بەنى ئىسرائىل قەۋمىنىڭ 12 قەبىلىسى يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ 12 ئوغلىدىن كېلىپ چىققان. ھەر ئوغلى بىر قەبىلىنىڭ بوۋىسى بولۇپ قالغان، يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ بالىسى يۇسۇف ئەلەيھىسسالامدىن ئايرىلغانلىقىغا قايغۇرۇپ كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالغان، يۇسۇف ئەلەيھىسسالام بىلەن دەرقەمتە بولغاندىن كېيىن، ئاللاھ ئۇنىڭ كۆزىنى ساقايتىپ قويغان. يەئقۇب ئەلەيھىسسالام ئوغلى يۇسۇف ئەلەيھىسسالام بىلەن دەرقەمتە بولغاندىن كېيىن مىسىردا 147 يېشىدا ۋاپات بولغان، يەئقۇب ئەلەيھىسسالام ئوغلى يۇسۇف ئەلەيھىسسالامغا ئاتىسى ئىسھاق ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىشنى ۋەسىيەت قىلغان. يۇسۇف ئەلەيھىسسالام يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنى پەلەستىنگە ئېلىپ بېرىپ خەلىل شەھىرىدىكى بىر غارغا - ئىسھاق ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا دەپنە قىلغان.

يۇسۇف:

يۇسۇف ئەلەيھىسسالام يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ بالىسى بولۇپ، نەسىبى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا تۇتىشىدۇ. يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى قۇرئاندا 26 ئورۇندا تىلغا ئېلىنىدۇ، يۇسۇف ئەلەيھىسسالام بەنى ئىسرائىل پەيغەمبەرلىرىنىڭ مەشھۇرلىرىدىن ئىدى. ئۇ يۇسۇف سىددىق يەنى راستچىل يۇسۇف دەپ تەرىپلەنگەن. يۇسۇف ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇنىڭ ئۇكىسى بۇنيامىن ئانىسى راھىلە ئۆلۈپ  كەتكەندىن كېيىن ئاتىسى يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇجرىسىدا ئاتىسى بىلەن بىللە تۇراتتى، يەئقۇب ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ يېتىملىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇلارغا بەكمۇ مېھىر-شەپقەت كۆرسىتەتتى. بۇ ھال ئۇلارنىڭ ئاتا بىر، ئانا باشقا بىر تۇغقانلىرىنىڭ ھەسىدىنى قوزغىدى. قېرىنداشلىرى سۇيىقەست ئىشلىتىپ، يۇسۇفنى ئوينىتىپ كېلىمىز دەپ سەھراغا ئېلىپ چىقىپ قۇدۇققا تاشلىدى، يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كارۋان يۇسۇفنى قۇدۇقتىن چىقىرىپ، مىسىرغا ئېلىپ بېرىپ مىسىرنىڭ پادىشاھىغا ساتتى. بۇ چاغدىكى مىسىر پادىشاھى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام مىسىرغا كېلىشتىن بۇرۇن مىسىرغا كەلگەن ئەمالىقەلەردىن ئىدى. «سۈرە يۇسۇف»تە، يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنىڭ كىچىك ۋاقتىدا كۆرگەن چۈشى، قېرىنداشلىرىنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان سۇيىقەستى، مىسىر پادىشاھىنىڭ ئائىلىسىدە دۇچ كەلگەن ئەھۋاللىرى، زىندانغا تاشلانغاندىن كېيىن ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن ئاقلىنىشى، ئاندىن زىنداندا تۇرۇپ پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشى، ئاندىن مىسىر پادىشاھىنىڭ چۈشىگە توغرا تەبىر بېرىپ پادىشاھنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشىشى، ئاندىن پادىشاھنىڭ ئۇنىڭغا دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى تاپشۇرۇشى، كېيىن كىچىك ۋاقتىدا كۆرگەن چۈشىنىڭ ئالدىغا كېلىشى، قېرىنداشلىرىنىڭ خاتالىقلىرىنى ئەپۇ قىلىشى، ئاندىن يەئقۇب ئەلەيھىسسالام باشلىق كىشىلەرنى مىسىرغا ئېلىپ كېلىشى قاتارلىق ئەھۋاللار بايان قىلىنىدۇ. يۇسۇف ئەلەيھىسسالام 110 يىل ئۆمۈر كۆرگەن، ئۇ مىسىردا ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇپ ۋاپات بولغان ۋە مىسىردا دەپنە قىلىنغان. ئۇ قېرىنداشلىرىغا قېرىنداشلىرى مىسىردىن چىقىپ كېتىپ قالسا، ئۆزىنىڭ جەسىتىنى بىللە ئېلىپ چىقىپ كېتىپ، ئاتىلىرى بىلەن بىر يەرگە دەپنە قىلىنىشنى ئېيتقان. ئىشەنچلىكرەك رىۋايەتتە ئېيتىلىشىچە، يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنىڭ جەسىتى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا مىسىردىن يۆتكىلىپ، نابۇلۇسقا دەپنە قىلىنغان. يۇسۇف ئەلەيھىسسالام چوڭ بوۋىسى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلۇشىدىن 361 يىل كېيىن، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلۇشىدىن 64 يىل بۇرۇن ۋاپات بولغان.

يۇنۇس:

يۇنۇس ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى قۇرئاندا تۆت ئورۇندا تىلغا ئېلىنىدۇ، ئىككى ئورۇندا «زۇننۇن» دېگەن لەقىبى بىلەن تىلغا ئېلىنىدۇ. يۇنۇس ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسىبى يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى بۇنيامىنغا تۇتىشىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇنى ئىراقتىكى نىنۋەي دېگەن جايغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن. نىنۋەي ئاھالىسى بۇتپەرەس بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بۇتپەرەسلىك ئەۋج ئالغان ئىدى. يۇنۇس ئەلەيھىسسالام نىنۋەيگە سۇرىيىدىن كېلىپ، نىنۋەي ئاھالىسىنى بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا دەۋەت قىلدى، ئۇلار يۇنۇس ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلىپ، ئۇنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلمىدى، يۇنۇس ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتمىغانلىقىدىن بىئارام بولۇپ، ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇردى. يۇنۇس ئەلەيھىسسالام ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتمىغانلىقىدىن خاپا بولۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ ئىزنىنى ئالمايلا سىرتقا چىقىپ كەتتى. يۇنۇس ئەلەيھىسسالام چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇلار ئازابنىڭ چوقۇم نازىل بولىدىغانلىقىنى بىلىپ دىلىغا قورقۇنچ چۈشۈپ، ئاللاھقا تەۋبە-ئىستىغپار ئېيتىشتى، يۇنۇس ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلغانلىقىغا پۇشايمان قىلىشتى، ئۇلار ھايۋانلارنىڭ بالىسى بىلەن ئانىسى ئايرىۋېتىپ، جەندىلەرنى كىيىپ، ئەر-ئايال، ئوغۇل-قىز ھەممىسى يىغا-زارە قىلىشىپ ئاللاھقا يالۋرۇشتى، ئاللاھ تائالا رەھىم قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىدە ئايلانغان قاراڭغۇ كېچە پارچىسىدەك ئازابنى ئۇلاردىن كۆتۈرۈۋەتتى. يۇنۇس ئەلەيھىسسالام قەۋمىنى تاشلاپ چىقىپ كەتكىنىچە دېڭىز بويىغا بېرىپ توختىدى. ئۇ يەردە بىر كېمىنى ئۇچرىتىپ ئىگىسىدىن ئۆزىنى سېلىۋېلىشنى ئۆتۈندى. ئۇلار يۇنۇس ئەلەيھىسسالامنىڭ ياخشى ئادەم ئىكەنلىكىنى بايقاپ، ئۇنى كېمىگە چىقىرىۋېلىشتى. دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىغا بارغاندا كېمىنى دولقۇن  ئورىۋالدى. ئۇلار ئارىمىزدا گۇناھكار ئادەم بار ئىكەن دەپ، چەك تاشلىماقچى، چەك كىمگە چىقسا شۇنى دېڭىزغا تاشلىماقچى بولۇشتى، چەك يۇنۇس ئەلەيھىسسالامغا چىقتى، شۇنىڭ بىلەن يۇنۇس ئەلەيھىسسالام دېڭىزغا تاشلاندى. ئۇنى ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن چوڭ بىر بېلىق يۇتۇۋەتتى. يۇنۇس ئەلەيھىسسالام بېلىقنىڭ قارنىدا ئاللاھقا تەسبىھ ۋە ئىستىغپار ئېيتاتتى. يۇنۇس ئەلەيھىسسالام بېلىقنىڭ قارنىدا ئۈچ كېچە-كۈندۈز تۇرغاندىن كېيىن، بېلىق ئۇنى دېڭىز ساھىلىدىكى بىر قۇرغاق يەرگە ئاتتى، بۇ چاغدا يۇنۇس ئەلەيھىسسالامنىڭ تاۋى يوق ئىدى. ئاللاھ ئۇنىڭغا سايىداش ئۈچۈن كاۋىنى ئۈندۈرۈپ بەردى. يۇنۇس ئەلەيھىسسالام ساقىيىپ ماڭغۇدەك بولغاندا قەۋمىگە قايتىپ كەلدى. ئۇلار ئىمان ئېيتىپ تەۋبە قىلىپ، پەيغەمبىرى يۇنۇس ئەلەيھىسسالامنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان ئىدى. يۇنۇس ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ ئەمرىمەرۇپ، ۋەز-نەسىھەت قىلىپ، ئۇلارغا دىنىي ئىشلارنى بىلدۈرۈشكە باشلىدى، ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە، يۇنۇس ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىنىڭ سانى 120 مىڭ ئىدى.

Copyright (c) 2021. qurankerim.com