كىچىك بالىنىڭ جىنازە نامىزىدا ئوقۇلىدىغان دۇئا
﴿اللَّهُمَّ أَعِذْهُ مِنْ عَذَابِ الْقَبْرِ﴾
«ئى ئاللاھ! ئۇنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن.» [ئىمام مالىك ۋە ئىبنى ئەبى شەيبە، بەيھەقى رىۋايىتى].
﴿اللَّهُمَّ اجْعَلْهُ فَرْطًا وَذَخْرًا لِوَالِدَيْهِ، وَشَفِيْعًا مُجَابًا. اللَّهُمَّ ثَقِّلْ بِهِ مَوَازِيْنَهُمَا وَأَعْظِمْ بِهِ أُجُورَهُمَا، وَأَلْحِقْهُ بِصَالِحِ الْمُؤْمِنِيْنَ وَاجْعَلْهُ فِي كَفَالَةِ إِبْرَاهِيْمَ، وَقْهُ بِرَحْمَتِكَ عَذَابَ الْجَحِيْمِ وَأَبْدِلْهُ دَارًا خَيْرًا مِنْ دَارِهِ وَأَهْلاً خَيْرًا مِنْ أَهْلِهِ، اللَّهُمَّ اغْفِرْ لِأسْلاَفِناَ، وَ أَفْراَطِناَ، وَمَنْ سَبَقَناَ بِالإِيْماَنِ﴾
بۇ دۇئانى دېسە ياخشىراقتۇر: «ئى ئاللاھ! ئۇنى ئاتا - ئانىسى ئۈچۈن تەييارلاپ قويۇلغان سوۋغات، زەخىرە (ساقلاپ قۇيۇلغان بايلىق)، دۇئاسى ئىجابەت قىلىنغان شاپائەتچى قىلىپ بەرگىن. ئى ئاللاھ! ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ ياخشى ئەمەللىرىنىڭ ئەجرىنى زىيادە قىلىپ بەرگىن، ئۇ ئارقىلىق ئاتا - ئانىسىغا كاتتا ئەجىر ئاتا قىلغىن، ئۇنى مۆمىنلەر قاتارىغا قوشقىن، ئۇنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ كاپالىتىدە قىلغىن، رەھمىتىڭ بىلەن دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ قورۇ - جايىدىن ياخشىراق قورۇ - جاي، ئائىلىسىدىن ياخشىراق ئائىلە بەرگىن. ئى ئاللاھ! ئەجدادلىرىمىز ئۈچۈن، ئەۋلادلىرىمىز ئۈچۈن، بىزدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقانلار ئۈچۈن مەغپىرەت قىلغىن.» [ئىبنى قۇدامە رىۋايىتى].
﴿اللَّهُمَّ اجْعَلْهُ لَنَا فَرَطًا، وَسَلَفًا، وَأَجْرًا
«ئى ئاللاھ! ئۇنى بىز ئۈچۈن تەييارلاپ قويۇلغان سوغات، ئالدىن يوللانغان ياخشى ئەمەل ۋە بىزگە تەييارلانغان ئەجىرلەردىن قىلىپ بەرگىن.»