سالاملىشىشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا
قَالَ رَسُولُ اللَّهِ - صلى الله عليه وسلم -: ﴿لاَ تَدْخُلُوا الْجَنَّةَ حَتَّى تُؤْمِنُوا، وَلاَ تُؤْمِنُوا حَتَّى تَحَابُّوا، أَوَلاَ أَدُلُّكُم عَلَى شَيْءٍ إِذَا فَعَلْتُمُوهُ تَحَابَبْتُم، أَفْشُوا السَّلاَمَ بَيْنَكُمْ﴾
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەر (ھەقىقى) مۆمىن بولمىغىچىلىك جەننەتكە كىرەلمەيسىلەر، بىر - بىرىڭلارنى ياخشى كۆرمىگۇچە مۆمىن بولالمايسىلەر، مەن سىلەرگە ئۇنى قىلساڭلار بىر-بىرىڭلارنى ياخشى كۆرۈشىدىغان ئىشنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ بىر - بىرىڭلارغا سالام قىلىڭلار.» [مۇسلىم رىۋايىتى].
﴿ثَلاَثٌ مَنْ جَمَعَهُنَّ فَقَدْ جَمَعَ الْإِيمَانَ: الْإِنْصَافُ مِنْ نَفْسِكَ، وَبَذْلُ السَّلاَمِ لِلْعَالَمِ، وَالْإِنْفَاقُ مِنَ الإِقْتَارِ﴾
«ئۈچ تۈرلۈك خىسلەت بار، كىمكى بۇ خىسلەتلەرنى ئۆزلەشتۈرسە ئىمانى تۇلۇق ئۆزلەشكەن بولىدۇ. (بۇ خىسلەتلەر): ئۆزىگە قارىتا ھەققانى بولۇش، ئۇچرىغانكى كىشىگە سالام قىلىش، موھتاج تۇرۇپ كەڭ قول بولۇشتىن ئىبارەتتۇر.» [بۇخارى رىۋايىتى].
﴿وَعَنْ عَبْدِ اللَّهِ بْنِ عُمَرَ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُمَا: أنَّ رَجُلاً سَأَلَ النَّبِيَّ - صلى الله عليه وسلم - أيُّ الْإِسْلاَمِ خَيْرٌ قَالَ: ﴿تُطْعِمُ الطَّعَامَ، وَتَقْرأُ السَّلاَمَ عَلَى مَنْ عَرَفْتَ وَمَنْ لَمْ تَعْرِفْ﴾
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ ياخشى خىسلەتلىرى قايسى؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام: «باشقىلارغا تائام بېرىشىڭىز، سىز تونۇيدىغان - تونۇمايدىغان كىشىلەرگە سالام قىلىشىڭىز» دەپ جاۋاب بەرگەن. [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].